بۈگۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى يەنە 3 ئاي "قوش تىل"دا تەربىيىلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، 5698 ئوقۇغۇچى كەنتكە كېلىپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلار خىزمەت ئورنىغا بېرىشتىن بۇرۇن، ئۈچ ئاي "يېزا خىزمىتى بىلىملىرى" ۋە "قوش تىل" تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كۇرسىدا تەربىيىلىنىدىكەن.
بۈگۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن راھىلە خانىم ھەم ئېلشات ئەپەندى قاتارلىقلار رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلارغا كەنت كادىرلىرى قىلىپ بەلگىلەنگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئەسلىدىنلا خىتاي تىلىدا مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا چۈشۈشتىن ئىلگىرى، ئاتالمىش"قوش تىل" دەپ ئاتالغان خىتاي تىلىدا يەنە 3 ئاي تەربىيىلەشتىكى ھەقىقىي مۇددىئاسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان راھىلە خانىم، ئەسلىدىنلا خىتاي تىلىدا مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يەنە 3 ئاي "قوش تىل بويىچە تەربىيىلىشى" ئەمەلىيەتتە بىر شەكىلۋازلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر يېزىلىرىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ يېزا كادىرلىرىغا يېزا خىزمىتىدە خىتاي تىلىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
راھىلە خانىم ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تىلىدا ئىش بېجىرىدىغان بۇ يېزا كادىرلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا خىتاي تىلىنى تېڭىش ھەم شۇلار ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر تىلىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىنمۇ سىقىپ چىقىرىش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن خىتاي تىلى سەۋىيىسى ئەسلىدىنلا خېلى يۇقىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى بۇ خىل تەربىيىلەشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان رايونلاردا ئىشلەيدىغان بۇ ياشلارغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتىنى سىڭدۈرۈش دەپ كۆرسەتتى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا راھىلە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى قانداق ۋاستىلارنى قوللانمىسۇن، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا تىلىدىن ۋاز كەچتۈرۈش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋېتىش مەقسىتىگە يېتىشىنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئۇ دېھقان بولسۇن ياكى كادىر بولسۇن ئۆز ئانا تىلىنى، ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.