ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مەكتەپلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى زادى قانچىلىك؟

خىتاي مەركىزى ئاخبارات تورىنىڭ 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 15 - ئاپرىل ئەتىگەن سائەت 8 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئاتۇش شەھىرىدە 4 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش دائىرىسى شىمالىي مىردىيان 40.1، شەرقىي مىردىيان 76.5 بولغان بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى 9 مىڭ مېتىرغا يەتكەن. ھازىرچە، ئاتۇشتىكى بۇ يەر تەۋرەشتىن كۆرۈلگەن زىيان توغرىسىدا مەلۇمات يوق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.04.20
Xitay-Chingxey-Tibet-rayonida-yer-tewresh-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 14‏ - ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﯕﺒﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻴﮕﯘﺩﻭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ 7.1 ﺑﺎﻝ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ 95% ﺩﯨﻦ ﻛﯜﭖ ﺋﯚﻱ - ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﯩﻨﺎﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻛﻴﮕﯘﺩﻭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﯖﻠﯩﻦ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺭﻩﺗﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

خىتاي تور بەتلىرىدە مەركىزى ئاخبارات تورىنىڭ "شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قانچىلىك؟" ناملىق خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈپىتى 30 يىللىق ئۆمۈرگە ئاران بەرداشلىق بېرىدىغان دەرىجىدە بولۇپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى قۇرۇلۇشلاردىن بۇنچىلىك ئۈمىدنىمۇ كۈتۈش قېيىن ئىكەن.
 
بۇ قېتىم چىڭخەيدە يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 7001 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقى ئېيتىلغان. ئەمما چىلىدە يۈز بەرگەن 8.8 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى ئاران 706 نەپەر بولغان. ئەگەر بۇنداق ئېغىر يەر تەۋرەش ھادىسىسى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرسە، قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟
 
خەۋەردە، چەتئەللەردىكى يەر تەۋرەش بەلۋاغلىرىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق قۇرۇلۇشلارنى سالغاندا، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتۇدىغانلىقىنى، خىتايدا بولسا بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە قاراپ ئىش تۇتۇدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋەتىنى يۇقىرى يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا مەنسۇپ بىر رايون بولسىمۇ، بۇ يەردىكى مەكتەپلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

چىڭخەيدە يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلگەن بىنالار ئىچىدە مەكتەپلەرنىڭ سالمىقى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر بۇنداق 7.1 بال يەر تەۋرەش ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگىدەك بولسا، ساق مەكتەپ قالمايدىغانلىقىدىن بېشارەتلەر بەرگەن. چىلىدە تەۋرىگەن 8.8 بال ۋە يۈشۇدا تەۋرىگەن 7.1 بال يەر تەۋرەش بىلەن ئاتۇشتا تەۋرىگەن 4 بال يەر تەۋرەشنىڭ ئوخشاش نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ ئۆتكەن.
 
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش شۇئارىنى توۋلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مەكتەپلەرنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، نارەسىدە بالىلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەرقاچان ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەزكۇر خەۋەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.
 
ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بىر قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
 
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن خىتاي مەكتەپلىرى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بارلىقىنى، بۇ پەرقنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
 
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ھېلىمۇ خام كېسەك بىلەن قۇرۇلغان ئۆيلەر ۋە مەكتەپلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قازاغا ئۇچرىغان، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ساھەدىكى ۋەقەلەرنى ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلگەن.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.