يەرلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىمىزچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا ئۆتۈشكە باشلىغان.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ئەھۋالنى ئىنتايىن خەتەرلىك دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.
تىجارەتچى ئابلەت ئاكا: " سۈيدۈڭدا بۇ كېسەلدە ئۆلگەنلەر بەك كۆپ"
خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەيدىز كېسىلى 1995 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىگە تارقىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولۇپ، شۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش دەرىجىسى بارغانچە چوڭقۇرلىشىپ، نۆۋەتتە يۇقۇملىنىش ۋە شۇ خىل ۋىرۇستا ئۆلۈپ كېتىش ھەدىسىسى ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلى ئوبلاستى سۈيدۈڭ بازىرى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابلەت ئاكا، ئۆز ئىنىسىنىڭ ئەيدىز بىلەن ئاغرىپ ئۆلۈپ كېتىش جەريانى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە بۇ خىل كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا دېھقان كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە" سۈيدۈڭدا بۇ كېسەلدە ئۆلگەنلەر بەك كۆپ" دېدى.
ئەيدىز كېسەللىكىگە ئائىت تور بېتى "قىزىل لېنتا" تورىدا بۇ يىل ئۆكتەبىردە بېرىلگەن بىر پارچە خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭغا جايلاشقان ئەيدىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى چېن جىۋېي، خىتايدا دورا تەسىر قىلمايدىغان بىر خىل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا يامراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنىڭ "ئاگاھ بولۇش" دەرىجىسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: " بۇ خىل ۋىرۇس ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا ئۆتمەكتە. بۇنىڭ ئالامەتلىرى ئانىدىن تۆرەلمىگە يۇقۇشتا تېخىمۇ روشەن بولماقتا. بىز بۇنى توسايدىغان بىر چارە تېپىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن بىزمۇ جەنۇبنى ئافرىقىغا ئوخشاپ قالىمىز. ئەگەر بۇنىڭ ئالدى ياخشى ئېلىنمىسا، يۇقۇملىنىش خۇددى بومبىدەك تۇيۇقسىز پارتىلايدۇ."
دوختۇر مەمەت ئىمىن:"ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ HIV ۋىرۇسى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا كېڭىيىشكە باشلىغان "
نۆۋەتتە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تېببىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇر مەمەت ئىمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ " ۋىرۇس يۇقۇش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپى" دىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا كېڭىيىش نىسبىتىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر روشەنلىشىۋاتقانلىقىنى خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى 2006 - يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ يىلى ئىيۇنغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 16 مىڭ 35 نەپەر بولۇپ، بۇ سان 2008 - يىلى سېنتەبىرگە كەلگەندە 24مىڭ 818 نەپەرگە يېتىپ ئىككى يېرىم يىلدەك ۋاقتى ئىچىدە 8735 نەپەر كۆپەيگەن.
ئەگەر رېئاللىق ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەربىر ئەزاسى سوغۇق قانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئويلىشىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقىغا بىۋاسىتە تاقىلىدىغان ھەقىقىي ھايات - ماماتلىق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان سودىگەر ئابلەت ئاكا ئۆز ئەندىشىسىنى مۇنداق ئاددىي يوسۇندا ئىپادىلىدى.
بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەبلەر نەدە؟ ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟
بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشى ئىدارىسىنىڭ ئەيدىز كېسەللىكى بويىچە 24 سائەت مەسلىھەت بېرىش ئورنىغا تېلېفون ئۇرغان بولساقمۇ تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
چاڭكۈن: "ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە ئانچە كۆپ كۈچ چىقارمىغان"
ئىلگىرى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان "قار لەيلىسى ئەيدىز جەمئىيىتى " نىڭ قۇرغۇچىسى، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇقنى قوغداشقا ئارىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن مەكتەپتىن قوغلانغان خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسى چاڭكۈن، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن قىزىقماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە ئانچە كۆپ كۈچ چىقارمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
چاڭكۈن: "ھۆكۈمەت ئەلۋەتتە يەرلىكتىكى مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، يەرلىكلەرنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەلىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلسا بولمايدۇ - دە. ھۆكۈمەت نۇرغۇن تەرەپلەردە كەڭ قولراق بولۇشى كېرەك. بىر ئىش قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ ھەممىسىدە سىياسىي مەقسەت بولۇشى ناتايىن."
چاڭكۈن يەنە ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا "قار لەيلىسى ئەيدىز جەمئىيىتى" نى قۇرۇش مەقسىتىنىڭ شۇ خىل ئاددىي ئىستەك ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئەمما بۇ غايىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ھاۋا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: " شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىمغا ئىككى يىل بولدى. ئىلگىرى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەيدىزگە قارشى پائالىيەتلىرىممۇ توختاپ قالدى. ئەگەر سىياسىي سەۋەب بولمىغان بولسا مەنمۇ مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىنمىغان بولار ئىدىم" دېدى.
"ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتا ھەربىر ئۇيغۇر پۇقراسى ئۆز ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە قارىتا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈشى كېرەك"
ئەيدىز كېسىلى ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە يامراپ كېتىۋاتقان شارائىتتا، بۇ كېسەللىكنى تېخىمۇ كەڭ يامراش ۋە جەمئىيەتكە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاسارەت پەيدا قېلىشىدىن توسۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى جەھەتتە ئۆز پىكىرىنى بايان قىلغان تىجارەتچى ئابلەت، تولۇق كونترول قىلىشىنىڭ پەقەت ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھالبۇكى ئۇيغۇر دوختۇر مەمەت ئىمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر كرىزىسقا بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولۇشى قاتارلىق سىياسىي سەۋەبلەردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقى مەسىلىسىمۇ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، شۇڭا ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتا ھەربىر ئۇيغۇر پۇقراسى ئۆز ئائىلىسىگە جەمئىيەتكە بىر خىل مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۇقىرىقى شەخسلەرنىڭ بايانلىرىدىن ۋە يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەيدىز پاجىئەسى ۋە ئەيدىز تەھدىدى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانداقتۇر بىر "ئەجنەبىيلەرنىڭ كېسىلى" بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا زور تەھدىت سېلىپ تۇرغان كۆز ئالدىدىكى رەھىمسىز رېئاللىق تۇر.