ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلدى

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تور ئالاقىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، ساقچى تارماقلىرى ئىنتېرنېتقا بولغان نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا چارە كۆرگەن. نۆۋەتتە رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتقا بولغان نازارەتنىڭ كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.05.25
xitay-internet-305 ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ «ﺗﻮﺭ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ» ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻤﯟﻭﻝ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى 14 - ماي ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن ئىدى. "تەڭرىتاغ تورى" نىڭ 23 - مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسى، ئىنتېرنېت ئېچىۋېتىلگەن قىسقىغىنا 10 كۈن ئىچىدىلا 25 ئادەمنىڭ ئىنتېرنېتقا ئالاقىدار جىنايەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە تور ئالاقىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ھازىر ئۇيغۇر ياشلار ئىلگىرىكىدەك تورغا كۆپ كىرمەيدىكەن. نۆۋەتتە كىشىلەردە "توردىن قورقۇش"، "ئېھتىيات قىلىش" پسىخىكىسى شەكىللەنمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ ئىنتېرنېتقا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. مەسىلەن، 20 - ماي خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ " ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنى ساقچىغا مەلۇم قىلىش" ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان. ئۇقتۇرۇشتا تور ئەھلىدىن "قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلار"نى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان، "كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى ۋە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى قوغداش چارىسى" ناملىق ناملىق 33 - نومۇرلۇق بۇيرۇقنىڭ 5 - ماددىسىغا ئاساسەن چىقىرىلغان. ئۇقتۇرۇش 9 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قانۇنسىز دىنىي ئەقىدىلەر تەشۋىق قىلىنغان مەزمۇنلار ھەم شەھۋانىي مەزمۇنلاردىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ھامان ج خ ئورۇنلىرىغا پاش قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى "ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە 'ئۇيغۇربىز'، 'دىيارىم' ۋە 'شەبنەم' قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە يوللانغان قۇتراتقۇلۇق مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلار ۋەقەنىڭ پارتلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى،" دەپ شەخسلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن ئىدى.

 زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يۇقىرىقى ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 14 - مايدىن كېيىن، بىر قىسىم ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن "دىيارىم"، "شەبنەم"، "ئۇيغۇر بىز" قاتارلىق تور بەتلىرى، شۇنداقلا ئىلگىرى تورداشلار ئەركىن پاراڭلىشىدىغان بىر قىسىم چايخانا ۋە مۇنازىرە مەيدانلىرى يەنىلا تاقاقلىق ئىكەن.

نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئېچىلغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىدىغان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەننىڭ رايوندا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

بولۇپمۇ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر تور بەتلىرى، ھېلىغىچە خىتاي تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان دىلشات پەرھات، ئوبۇلقاسىم، مۇھەممەت قاتارلىق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە بۇندىن كېيىكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى مەسىلىسى يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.