2008 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە مەھمۇت قەشقەرى خاتىرىلىنەمدۇ؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە قاتارلىق بىر قىسىم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.10.13
mexmut-qeshqiri-yighin1-305 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 7 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﺰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﯧﻨﺎﺗﻮ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ، "ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ" ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

مەھمۇت قەشقەرى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن تۈركىي خەلقلىرى پەخىرلىنىدىغان ئالىم ھېسابلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى خەلقئارالىق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئىككى ئاي قالغان پەيتتە يەنى، تاكى ھازىرغىچە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلمىغانلىقىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ قاھار بارات بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.