خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاكارلىغان پىلانىغا قارىغاندا، بۇ يىل بولۇپمۇ جەنۇبتىكى خوتەن، قەشقەر،ئاقسۇ ھەمدە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۇيغۇر يېزىلىرىدا قوش تىللىق يەسلىلەرنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى %80 كە يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان بولسا 2009 - يىلى %100 كە يەتكۈزىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا قۇرغان قوش تىل يەسلىلىرىگە ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنى پەرزەنتلىرىنى بېرىشكە مەجبۇرىي ۋاسىتىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق يەسلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا ئىكەن.
كېلەر يىلغىچە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قوش تىل يەسلىلىرىگە كىرىش نىسبىتى %100 كە يەتكۈزۈلىدۇ
خىتاي دائىرىلىرى 2004 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ تېز ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش قارارى" نى چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ مەزكۇر قارار بۇيىچە " ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋالقى قوش تىل تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، ئوقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ تۇتۇش توغرىسىدىكى پىكرى " نامىدىكى ھۆججەتنى تارقاتتى.
بۇنىڭ بىلەن قوش تىل سىنىپلىرىنى ئېچىش پەيدىن - پەي مەكتەپ مائارىپىدىن ئىلگىرىكى ئاڭ تەربىيىسى ساھەسىگە قارىتىلدى. "قوش تىللاشتۇرۇشنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش "شوئارى بۇيىچە 2006 - يىلى سېنتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ھەمدە شىمالىدىكى يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاستىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋالقى قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش،قوش تىل يەسلى قۇرۇش خىزمىتى لايىھىسى بۇيىچە ئىش باشلىدى.
2007 - يىلى ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىدا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى قوش تىل تەييارلىق سىنىپلىرى ھەم يەسلىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ 93مىڭ 404كە يەتكەنلىكى مەلۇم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىدا 2010 - يىلغا بارغاندا بۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا قوش تىل يەسلىلىرىدە تەربىيىلىنىدىغان بالىلارنىڭ سانى 260مىڭغا يېتىدىكەن.
نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتىنى 2009 - يىلغا بارغاندا %100 كە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.
ئۇيغۇر ئىلى مائارىپ خەۋەرلىرى تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانىنى باھار مايسىلىرى قۇرۇلۇشى دەپ ئاتىغان بولۇپ قوش تىل يەسلىلىرىنى قۇرۇش باسقۇچى، شەھەر بۇيىچە قۇرۇش، ناھىيە بۇيىچە قۇرۇش، يېزىلاردا قۇرۇش، كەنتلەردە قۇرۇش، مەھەللىلەردە قۇرۇش قاتارلىق قەدەم - باسقۇچ بىلەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەسئۇل بولۇپ قۇرۇش بۇيىچە داۋام قىلماقتا.
يېزىلاردا قوش تىللىق يەسلى - ئۇيغۇر سەبىيلەرگە خىتاي مۇئەللىم
بۇ يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل يەسلىلىرىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خىتاي پىلان ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىقى بەش يىلدا 3 مىليارد 750 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەبلەغ ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا قوش تىل يەسلىلىرىنى قۇرۇش، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ھەمدە ئۇلارنىڭ مائاشىنى تەمىنلەش، يېزا - كەنتلەردە قۇرۇلغان يەسلىلەرنىڭ تاماق ۋە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەمىنلەش قاتارلىقلارغا ئاجرىتىلغان بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى بۇ مەخسۇس مەبلەغنى قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ مەخسۇس تۈر خىراجىتى قىلىپ مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يەنە كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشنى بېكىتكەن بولۇپ،بەش يىل ئىچىدە قوش تىل تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 13 مىڭ 500 نى تەربىيىلەيدىكەن. بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ 500 دىن ئارتۇق مەخسۇس تۈردىكى پراكتىكا قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى يېزىلاردا قۇرۇلغان قوش تىللىق يەسلىلىرىدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارماقتا.
" ئەگەر خىتاي تىلىنى يەسلىدە ئۆگىنىپ ئاساس سالمىسا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالماسلىقى مۇمكىن"
بىز يېزىلاردا قۇرۇلغان قوش تىل يەسلىسىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن،قەشقەر يېڭىشەر ناھىيىسىنىڭ تازغۇن يېزىسىدىكى بازارلىق قوش تىل يەسلىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، يەسلىگە يېڭىدىن پراكتىكىغا كەلگەن بىر خىتاي قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىن ئۆزىنى قوشقاندا ئۈچ خىتاي پراكتىكانت بۇ يېزىلىق قوش تىل يەسلىسگە تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇرچە بىلمەيدىكەن، بىراق ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان يەسلى بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇپ، دەرس پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ھەتتا بالىلار ناخشىلىرىنىمۇ خىتايچە ئۆگىتىدىكەن، دەرس ئۆتكەندە ئۇيغۇر مۇئەللىم تەرجىمانلىق قىلىدىكەن. نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى يەسلى مائارىپىدا ئوقۇغان خىتاي پىراكتىكانتلار ئاساسەن مۇشۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا تارقىتىلغانىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلار دەسلەپ ھېچنېمە چۈشىنەلمىگەن بولسىمۇ، ھازىر تاماق يەيمىز، ئالدىغا قارايمىز، دېگەندەك ئاددى گەپلەرنى بىلىپ قاپتۇمىش. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېزىلىق دائىرىلەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئائىلىلەرگە بېرىپ دېھقان ئاتا - ئانىلارنى بالىلىرىنى يەسلىگە بېرىشكە ئۈندەشكە ئورۇنلاشتۇرغان.
بىز ئۇنىڭدىن سىزنىڭچە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا قوش تىل يەسلىسى قۇرۇش مۇۋاپىقمۇ دەپ سورىغاندا ئۇ خىتاي قىز " بىزنىڭ جەنۇبقا كېلىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىمىز، ئۇيغۇر يەسلى بالىلىرىغا خىتاي تىلىنى ئۆگىتىش، ئاتا - ئانىلارمۇ خىتاي تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى، بالىلارنىڭ بۇنى ئۆگەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاچقا يەسلىگە ئەكىلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي تىلىنى يەسلىدە ئۆگىنىپ ئاساس سالمىسا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالماسلىقى مۇمكىن،" دېدى.
يېزىلاردا قوش تىللىق يەسلىلەر ئېھتىياجدىن ئەمەس بەلكى مەمۇرىي بۇيرۇق تۈرتكىسىدە قۇرۇلماقتا
بىز قەشقەرنىڭ يەنە بىر يېزىسىدىكى قۇرۇلغىنىغا بىر يېرىم يىل بولۇپ قالغان بىر يەسلىگە تېلېفون قىلدۇق، يەسلىنىڭ قوغداش خادىمى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇشسىز قالمىسۇن دەپلا قوش تىل يەسلىلىرىگە ئەكىلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
