ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە پۇقرالارنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا چەكلىمە قويدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاۋام پۇقرالار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش ياكى ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا چەكلىمە قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.06.16
uyghur-boway-305.jpg ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻱ.
RFA Photo

دائىرىلەر بۇ بەلگىلىمە مۇقىملىقنى ساقلاپ، 5 ‏ - ئىيۇلدىكى ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زۆرۈر تەدبىر، دەپ قارايدىكەن. لېكىن پائالىيەتچى ۋە ئانالىزچىلار بۇ بەلگىلىمىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئاشكارا بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا چۈشۈرگەن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى رايوندا "شاۋگۈەن ۋەقەسى" ۋە "5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ ھارپىسىدا يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇ بەلگىلىمىدە چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن پۇقرا ياكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك ئورگانلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، ئۇلارنى سىنئالغۇ ۋە رەسىم بىلەن تەمىنلەش چەكلەنگەن.

بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش ئىشخانىسى بىلەن ج خ نازارىتىنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان بىرلەشمە يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن چىقىرىلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر بەلگىلىمىدە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ، بولۇپمۇ مىللىي كادىرلار ۋە ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ساقچىخانا يەرلىك ئاممىغا ئاخبارات چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى، چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن زىيارەت ئۈچۈن رۇخسەتنامە ئېلىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئەكەلسەك، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۈرۈمچى ۋېيخۇلياڭ ساقچىخانىسىنىڭ بۇ خادىمى بۇ ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، "بىز تېلېفون زىيارىتى قوبۇل قىلمايمىز. ئەگەر بىزنى زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز، شەھەرلىك ساقچىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئەكىلىشىڭىز كېرەك.... بىزگە، سىز دېگەن بۇ ئۇقتۇرۇش كەلمىدى. سىز زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز، تونۇشتۇرۇش خېتى ئەكىلىڭ، بولامدۇ؟ بىز تېلېفوندا زىيارەت قوبۇل قىلمايمىز ..." دېدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەرلىك دائىرىلەر "شاۋگۈەن ۋەقەسى"دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يوپۇرغا، مەكىت ۋە توققۇزاق ناھىيىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلاردىن چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بايانات بەرمەسلىكنى ياكى ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ۋە پارتكوم تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا پۇقرالاردا "5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئائىت بەزى رەسىم ۋە سىنئالغۇلار بار دەپ گۇمان قىلىدۇ. بۇ بەلگىلىمە رەسىم ۋە سىن ئالغۇلارنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، دۇنيادا خىتاينى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسىمى. ئۈمىد ئاگاھى بۇ قاراشتىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرىدۇر.

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى مەھەللە، ئاھالىلەر قورۇسى ۋە تۇرالغۇ بىنالاردا كۆزىتىش مېخانىزمى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنى بىنا مەسئۇلى، مەھەللە كومىتېتى ياكى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. لېكىن خىتاينىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىسى ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، بۇ تۈرلۈك چەكلىمە پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقتۇر، دەپ ئەيىبلەندى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ياڭ لىيۈي ئەپەندى مۇخبىرىمىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، " بۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۆز پىكرىڭىزنى بىلدۈرۈش، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش دېگەنلەر سىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىڭىز، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بىر قىسىمى. بىرەر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش بۇ ھەرگىز جۇڭگو كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق ئەمەس. شۇڭا ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ جۇڭگو ھاكىمىيىتىنى زوراۋان ۋاستىلارغا تايىنىپ ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنمىسىلا، ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى بار. بۇ پىكىر ئەركىنلىكى، بۇنىڭ ئۆزى كىشىلىك ھوقۇقتۇر" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دۆلەت كابىنېتى 2008‏ - يىلى 1‏ - ئايدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار ھەر قانداق كىشىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلغان يۇقىرىقى بەلگىلىمە خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ 2008‏ - يىلى چىقارغان بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى Vincent Brossel رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "شىنجاڭ" دائىرىلىرىنىڭ "5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ ھارپىسىدىكى بۇ تەدبىرى دۆلەت كابىنتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ "ئېغىر ۋەقەدۇر" دېگەن.

ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ياڭ لىيۈي ئەپەندى بۇ ھادىسىلەر ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا گۇمانى قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ":جاڭ چۈنشيەننىڭ شىنجاڭغا كېلىشىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشمۇ ياكى ئاز سانلىقلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشمۇ ؟ شۇڭا مېنىڭچە '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'نىڭ بىر يىللىقى يېتىپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ھازىر قوللانغان ھەرىكىتى نېگىزلىك مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە يەرلىك خەلقنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك، تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىيە ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۆز ‏ - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بېرىشتۇر. ئەگەر سىز مەسىلىگە پارتىيىۋىلىك نۇقتىئىنەزىرىدىن مۇئامىلە قىلسىڭىز، بۇ ئىشلار مەڭگۈ ھەل بولماسلىقى مۇمكىن. ئەسلى مەن جاڭ چۈنشيەن كەلسە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغاندەك قىلىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.