بۈگۈن قەشقەردە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا پىچاق تىقىپ 3 ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىك خەۋىرى، كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ھەر خىل سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا. ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان بۇ ھۇجۇملارنىڭ بۇرۇنقى ھۇجۇملاردىن نېمە پەرقى بار؟ بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەسىرى نېمە؟ بۇنداق جىددىي بىر ۋەزىيەتتە چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇرۇنقى ۋەقەلەردە ئۇيغۇرلار ئاپتوبۇس پارتلىتىشقا ئوخشاش ئاممىۋىي سورۇنلارنى پارتلاتقان بولسا، كېيىنكى بىر ھەپتىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردا خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا ھۇجۇم ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تاكتىكا سەۋىيىسىدىن ئىستراتېگىيىلىك سەۋىيىگە يۇكسەلگەنلىكىنىڭ يەنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنىڭمۇ ئۆسكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە سۆزىدە، خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا ئېلىپ بېرىلغاندەك ھۇجۇملارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلقئارا قانۇنغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.