خىتاي ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلەش ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمىدى

ب د ت ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى 27-، 28-نويابىر كۈنلىرى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن دولقۇن ئەيسا، ئىلھام مەخمۇت، ئەسقەرجان ۋە مايكول فىللىپس (Michael Philipps) قاتارلىق تۆت كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.11.28
dolqun-eysa-bdt-305.jpg ب د ت ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن (سولدىن ئوڭغا) دولقۇن ئەيسا، ئىلھام مەخمۇت، ئەسقەرجان ۋە Michael Philipps سۈرەتتە يوق) قاتارلىق تۆت كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى. 2012-يىلى 27-نويابىر، جەنۋە.
RFA/Erkin Tarim

بىز بۈگۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىس ئىلھام مەھمۇت ۋە ئەسقەرجان ئەپەندىلەر بىلەن سۆزلىشىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

بۈگۈن، يەنى 28-نويابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پروگرامما ياردەمچىسى مايكول فىللىپس ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئۈچ مىنۇتلۇق سۆز قىلدى. ئۇنىڭ سۆزى باشلىنىپ 2-مىنۇتقا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى سۆز ھەققى تەلەپ قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ سۆز ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى سورىدى. ئەمما، يىغىن رىياسەتچىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى داۋام قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. نەتىجىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۆزىنى داۋام قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز قانۇنىدا ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقىنىمۇ جارى قىلدۇرمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى قايتا سۆز قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈردى. رۇسىيە، پاكىستان، كۇبا ۋە گرېتسىيە ۋەكىللىرى سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكا، نورۋېگىيە، شۋېتسارىيە ۋەكىللىرى سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ باياناتىدا ب د ت پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز-ئىبارىلەرنىڭ يوقلۇقىنى شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىممۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ب د ت يىغىنلىرىدا كۆپ قېتىم يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش ب د ت مۇنبىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر مەيدان كۈرەش بولۇپ ئۆتتى.

2011-يىلى 11-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئالىم سېيىتوف، دولقۇن ئەيسا ۋە ئەسقەرجان ئەپەندىلەر قاتناشقان ئىدى. يىغىندا ئالىم سېيىتوف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزى باشلىنىشى بىلەن تەڭ خىتاي ۋەكىلى نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ يىلقىغا ئوخشاشلا ئىلگىرىمۇ پاكىستان ۋە كۇبا خىتاينى قوللىغان، بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكا، ئەنگلىيە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى قوللاپ سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ھەم پۈتۈن زالدا چاۋاك چېلىنىپ ئالقىشلانغان، نەتىجىدە ئالىم سېيىتوف سۆزىنى داۋام قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.