شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى : «ئۇيغۇر ئېلىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى زور مەسىلىلەرنىڭ ئىپادىسىمۇ؟»

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى خەلقئارا تېررورلۇققا، دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلاپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى بۇراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.03.30
uyghur-qeshqer-herbiy-charlash-305.jpg قەشقەر كوچىلىرىنى چارلاپ يۈرگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2009-يىلى 10-ئىيۇل.
AFP

بۇلاردىن بىرى دانىيىدىكى كوپېنھاگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلدىكو بېللېر ھان. ئۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە يېقىنقى بىر قانچە قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەر تەرەپلىمە كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتكەن ھەم ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى ھەر ۋاقىت پارتلاشقا تەييار تۇرغان بومبىغا ئوخشاتقان.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە دانىيىدىكى كوپېنھاگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دانىيىدىكى كوپېنھاگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆپ خىل مىللەتلەر ۋە رايون خاراكتېرلىك تەتقىقاتلار بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى ئىلدىكو بېللېر ھان جۈمە كۈنى «ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىددەت ۋەقەلىرى رايوندىكى زور مەسىلىلەرنىڭ ئىپادىسىمۇ؟» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ماقالە شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتلىرى مەركىزى» نىڭ مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان.

تەتقىقاتچى ھان ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە باھا بېرىش ئۇسۇلى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بېرىۋاتقان باھا ئارىسىدىكى پەرق ھەققىدە توختالغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى بايانلىرى بىلەن خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بايانلىرى ئارىسىدا زور پەرق بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە ئېنىق بولغىنى بۇ رايوندا ھەل قىلىنمىغان زور بىر مەسىلە بار.»

ئۇ 1980 - يىللاردا خىتايدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ۋەزىيەت بىر قەدەر ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما 1990 - يىللارغا كەلگەندە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، سىياسەتنى قايتىدىن چىڭىتقانلىقىنى بايان قىلىپ :«ئۇيغۇرلار ھازىر خىتايلار بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇق جەھەتتە باراۋەر مۇئامىلە كۆرمەيۋاتىمىز، دەپ قارىماقتا. بۇ مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى بولسا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاسسىملىياتسىيىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «ئىچكى مەسىلىمىز» دەيدۇ ۋە ئۇلارنى رادىكاللىق، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ئۆلچىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ» دېگەن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1996 - يىللاردا «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە ئاتالمىش «بۆلگۈنچى» لەرگە زەربە بەرگەن بولسا، 11 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا بۇ ۋەقەلەرنى تېررورغا چېتىشقا باشلىغان، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ خىل ۋەقەلەرنى ئاساسەن دېگۈدەك دىنىي رادىكاللىققا باغلاشقا باشلىغان. ئەمما ئاپتور خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1980 - يىللاردىن تارتىپلا ئۇيغۇر ئېلىدە دىننى قاتتىق چەكلەپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ «خىتاي دائىرىلىرى مەنىسى ئىنتايىن مۇجمەل بولغان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر دېگەن بۇ ئىبارىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئۆز مەيلىچە چەكلىدى. ئۇلار مەسچىت ئىماملىرى ۋە باشقا دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەپ، كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىدىكى دىنىي ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەن بۇ كىشىلەرگە خۇددى باشقا دۆلەت كادىرلىرىدەك مائاش بېرىپ ئىشلەتمەكتە» دېگەن.

تەتقىقاتچى ھان ئەپەندى ماقالىسىنىڭ داۋامىدا توختالغان يەنە بىر ئاساسلىق نوقتا، ئىقتىسادى كەمسىتىش ۋە ئىشسزلىق مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ بۇ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000 - يىللاردا «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» نى يولغا قويۇپ، رايونغا زور مىقتاردا مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە ئىقتىسادى ۋە ئاساسى قۇرۇلۇشتا تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاپتور مۇنداق دېگەن :

«بۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىسى بۇيىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلار بۇ خىلدىكى ئاتالمىش تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى ئاسسىملىياتسىيە قىلىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ۋاستىسى» دەپ قارايدۇ. خىتاي مەبلىغىنى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كان بايلىقلىرى مول بولغان شىمالىي رايونلىرىغا سېلىپ كەلگەن، بۇ رايونلار بولسا ئاللىقاچان خىتايلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ئايلىنىپ بولغان. ئىش بازىرىدىكى كەمسىتىش سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىش ئىزدەشكە مەجبۇر بولماقتا. ئەمما ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار مىڭلىغان ئۇيغۇر قىز - ئوغۇللىرى ئۆز يۇرتىدىن مىڭلارچە كىلومېتر ئۇزاقلىقتا ئىش ئىزدەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان شارائىت ئاستىدا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا ئىش تېپىۋاتقانلىقىغا مەنە بېرەلمەي كەلمەكتە.

ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش تاپالماسلىقىغا خىتاي تىلى يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق رايوندا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئاتالمىش مىللىيچە مەكتەپلەرنىمۇ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن :

- بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى يىللاردا يولغا قويغان ئاتا - ئانىلار ئۆز بالىسىنى قايسى تىلدا ئوقۇتۇشنى خالىسا شۇنى تىلدا ئوقۇتۇش دەيدىغان تىل ۋە مەدەنىيەت سىياسىتىنىڭ تامامەن ئەكسى ئىدى. ئۇيغۇرلار ھازىر قاتتىق ئۈمىدسىز. پەقەتلا مائارىپ تىلىنى تاللاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىش بازىرىدا خىتاي تىلىنى پىششىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئايرىمىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىز. چۈنكى، خىتاي تىلىنى ئۆز ئانا تىلىدەك سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا ئىشسز قالماقتا.

ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرىقىدەك ئامىللار ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن، مۇلاھىزىسىنى مۇنداق دەپ ئاياقلاشتۇرغان :

- نۇرغۇنلىغان كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن كېلىدىغان بۆلگۈنچىلىك تەھدىتىنى دۇنياغا كۆپتۈرۈپ ئاڭلىتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجىتمائىي ھوقۇقتا باراۋەر، دىنىي ۋە مەدەنىي ئەركىنلىكلىرى تولۇق ئىگە بولغان ھالدا، جۈملىدىن ھەقىقىي ئاپتونومىيە ئاستىدا ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئەكسىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا دۈشمەنلىكنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلماقتا. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتىقاندا، ئۇيغۇر رايونى پارتلاشقا تەييار تۇرغان ۋاقىتلىق بومبا بولۇشنى داۋام قىلىدىغاندەك كۆرۈنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.