زافەر ئۈسكۈل ئەپەندى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇلارنى قوبۇل قىلدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشتا زافەر ئۈسكۈل ئەپەندىگە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، د ئۇ ق تەرىپىدىن ھازىرلانغان `شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى` ماۋزۇلۇق دوكلاتنى سۇندى.
ئاخىرىدا د ئۇ ق رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيىنىڭ ۋىزا بېرىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيادىكى پۈتۈن دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماستىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
زافەر ئۈسكۈل ئەپەندى بۇ ھەقتە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستانغا ئىنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىگە ئىلتىماس سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.