ئۇيغۇرلار ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا قاتناشتى

تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا 71 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە 35 مىليون ئەتراپىدا تۈركىي خەلق ياشايدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ كوپ بولغانلار ئەزەربەيجان تۈركلىرى، قاشقاي تۈركلىرى، خوراسان تۈركلىرى ۋە تۈركمەنلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئانا تىلىدا تەلىم تەربىيە ئېلىش ھەققى قوللىرىدىن ئېلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.19
irana-qarshi-namayish305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺮﺍﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ
RFA Photo / Erkin Tarim

 ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراندىكى تۈركىي مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىدى بىلەن، تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىرانلىق تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئەزەربەيجانلىقلار ئورتاقلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

17-ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 11دە ئىراننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا ئىراندىن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەردىن باشقا، ئىراق تۈركمەنلىرى جەمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىدىكى بىر گۇرۇپ ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىيىدىكى سىياسى پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئۇلار قوللىرىدا `بىز جەنۇبىي ئەزەربايجاندا ئەزەربەيجان تۈركچىسىنىڭ رەسمى تىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز`، 2006` -يىلى ماي ئېيى قوزغىلىڭىدا ئۆلتۈرۈلگەن شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەيمىز، ئىراندىكى تۈركىي مىللەتلەرگە ئەركىنلىك دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشتى. ئاخىرىدا ئۆزىنى ئەزەربەيجان مىللەتچى پارتىيىسى باشلىقى دەپ تونۇشتۇرغان زائۇر بايراملى ئىسىملىك كىشى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

"ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار، ئىران فارس تۈزۈمى ھەر دائىم تۈرك مىللىتىنى كەمسىتمەكتە. 2006-يىلى 12-ماي كۈنى ئىران دۆلىتىنىڭ ئىرنا خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن يېزىلىپ، ئىران گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئىراندىكى تۈركىي خەلقلەر قوڭغۇزغا ئوخشىتىلغان، بۇ پارسلارنىڭ تۈركلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. بۇ ماقالىدە ئىراندىكى تۈركىي مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ 11 يولى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە گېزىتتە ئىراندىكى ئەزەرى تۈركلىرىنى كەمسىتكەن ھەجۋىي رەسىملەرگىمۇ يەر بېرىلگەن. بۇ ماقالىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش قىلغان ئەزەرى تۈركلىرىنى قانلىق باستۇرغان ئىران ھۆكۈمىتى، تەبرىز قاتارلىق يەرلەردە 50 ئەتراپىدا كىشىنى ئۆلتۈرگەن، كۆپ ساندا كىشىنى تۈرمىگە تاشلىغان. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى داۋام قىلماقتا. بىز ناھەق تۈرمىگە تاشلانغان كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پۈتۈن ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز."

بۇ نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ ئۇيغۇرمۇ قاتناشتى. بىز ئۇلار بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.