د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇيغۇر جاسۇس رىشات رەجەپ ھەققىدىكى ئىنكاسى
2011.10.13

6-ئۆكتەبىر كۈنى ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن سوتتا، ئۇيغۇر جاسۇس رىشات رەجەپ ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان ئىدى. 12-ئۆكتەبىر سوتنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى قاتارلىق بىر قىسىم تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەممە يەرگە تارقالدى.
خەۋەرلەردە ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر جاسۇسلىرىنى سېتىۋېلىپ گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە ئائىت مەلۇماتلارنى توپلىغانلىقى، بولۇپمۇ باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىگە ئائىت مەلۇماتلارنى توپلاشقا كۈچ سەرپ قىلغانلىقى، ئۇيغۇر جاسۇسى رىشات رەجەپنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ ميۇنخېندىكى تەشكىلاتلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش بولغانلىقى يېزىلغان.
رىشات رەجەپ مەسىلىسى بۈگۈن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى. رىشات رەجەپنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇنىڭغا ئەمدى قانداق مۇئامىلىدە بولىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئارخىپلىرىنى توپلاشقا شۇنچە قىزىقىدۇ؟ بىز بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسادىن ئالدۇق. دىققىتىڭلار بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە بولغاي.