ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ‏(2)

گوللاندىيىدىكى "ئەرك ستۇدىيىسى" نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 1920 - يىللاردىلا كىنو تېخنىكىسى بىلەن تونۇشۇپ ئۆز ئالدىغا ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەشكە باشلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرى 1980 - يىللاردا راۋاجلاندى. بۇ يىللار ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرى دەپ ئاتالدى.

0:00 / 0:00

1990 - يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغان قاتتىق قول سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر كىنوچىلىقىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىياسەتكە ۋاستە قىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇق شۇئارلىرىنى توۋلايدىغان، ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيدىغان بىر سىياسىي سەھنىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ئاستا - ئاستا ئۆز تاماشىبىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىردىن - بىر كىنو سىتۇدىيىسى بولغان تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى يىلدا بىرەر فىلىممۇ ئىشلەپ چىقىرالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

ئۇيغۇر كىنوچىلىقى تامامەن توختاپ كەينىگە چېكىنىشكە باشلىغان مۇشۇنداق بىر پەيىتتە بازارنىڭ قويۇۋېتىلىشى بىلەن تىجارەتنىڭ جانلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي كىنولىرىغا بولغان تەلىپى نەتىجىسىدە قايتىدىن خۇسۇسىي كىنو ستۇدىيىلىرى قۇرۇلۇپ ئۇيغۇر كىنوچىلىق بازىرى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئالدىغا كىنو فىلىملىرى ئىشلەپ تارقىتىشقا باشلىدى.

1999 - يىللىرىدا تارتىلغان "قىرلىق ئىستاكان" ۋە "دوزاققا سەپەر" قاتارلىق فىلىملەر شەخسىي ستۇدىيىلەرنىڭ تۇنجى مېۋىلىرى بولۇپ بۇ فىلىملەر ئەنە شۇ مىللىي خاسلىقىنى، مىللى خاراكتېرىنى بىر قەدەر ياخشى ئىپادە قىلغانلىقتىن ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي كىنو شىركەتلىرى 2000 - يىللارنىڭ باشلىرىدا 50 نەچچىگە ئۇلاشقان بولسا، ھازىر بۇ بازار كاساتلىشىپ بۈگۈنگە كەلگەندە 10 ئەتراپىدىلا ستۇدىيە قەپقالغان بولۇپ كېيىنكى يىللاردا ھەتتا يىلدا بىر كىنومۇ ئىشلەپ چىقىرالمايدىغان بولۇپ قالغان. "ئەرك ستۇدىيىسى" نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈن - سىن بازارلىرىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشى بىلەن ئۇيغۇر كىنو ئىشلىگۈچىلىرىمۇ بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇۋالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق ئورگانلار بازارنى رەتلەپ قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارغا زەربە بەرمەي ئەكسىچە پۈتۈن كۈچىنى ئاتالمىش سىياسى بۆلگۈنچىلىك خاراكتېرىگە ۋە دىنى تۈسكە ئىگە ئۈن - سىن بويۇملىرىنى تازىلاشقا قاراتقانلىقتىن ئۈن - سىن تىجارەتچىلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچراۋاتقان ئىكەن.

ئەلۋەتتە، ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مۇلاھىزە ۋە ھەرىكەت، خاراكتېر ۋە ئىستېتىك ئالاھىدىلىكى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ئۇ مىللەتنى باشقا مىللەتتىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردۇر. شۇڭا بىر فىلىمدىكى ئوبرازنىڭ مىللىي كىملىكى، خاراكتېرى ئۇنىڭ گەپ - سۆزى ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئىپادە قىلىنغانلىقتىن بىر كىنودا بۇ ئامىللارنىڭ ياخشى ئىپادە قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم.

گەرچە 1990 - يىللارنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر كىنو ستۇدىيىلىرى خەلقنىڭ تەلىپىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بۇ ساھەگە كۆپ مەبلەغ سېلىپ بىر قىسىم نادىر فىلىملەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، ئەلۋەتتە پەقەتلا ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشنىلا مەقسەت قىلغانلىقتىن ئوتتۇرىغا چىققان سۈپەتسىز فىلىملەرمۇ بار. ئەلۋەتتە بۇنىڭداق ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيغۇر كىنو سەنئىتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى بەزىلەر بۇ ساھەگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئازلىقىغا باغلىسا، يەنە بەزىلىرى كىنو تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كۆرمەكتە. تۈركىيە گازى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى پروف. در ئىرفان ئەردوغاننىڭ قارىشىچە بۇ ئامىللار گەرچە بىر فىلىمنىڭ ياخشى چىقىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ ئەمما ئەڭ مۇھىمى كىنونىڭ ۋەقەلىكىنىڭ ۋە مەركىزى ئىدىيىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدۇر.

ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىملارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ كېلىچىكى قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئەلۋەتتە بۇ ئەزەلدىنلا سەنئەتنى سۆيىدىغان، ئۇنى قەدىرلەيدىغان سەنئەت خۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى. ئۇيغۇر خەلقى گەرچە بۇ ساھەدە قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خاسلىق يارىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ بۇ يېتەرلىك ئەمەس ئىدى.

پروف. دوكتور ئىرفان ئەردوغاننىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەزەلدىنلا كىنو - تېلېۋىزىيىنى ئۆزىنىڭ سىياسى تۈزۈمىگە تەشۋىقات ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىپ كەلگەن. خىتايدا كىنو - تېلېۋىزىيە تامامەن دۆلەتنىڭ قولىدا. شۇڭا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقچى سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر كىنوچىلىق ئىشلىرىغا يېتەرلىك دەرىجىدە مەبلەغ ئاجرىتىلمايۋاتقان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ كېلەچىكىدىن سۆز ئېچىش تولىمۇ تەس ئىكەن.