ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر چېقىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇلتۇر قەشقەر شەھىرىدە، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن، "ئۆيلەر كونىراپ كەتتى، يەر تەۋرەشكە چىدىمايدۇ" دېگەن سەۋەبلەر بىلەن، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر كونىشەھەر رايونىدىكى قەدىمىي ئۆيلەرنى چاققان ئىدى. بۇ يىل 7 - ئايدا يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى "سۇ، توك، تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشمىگەن" دېگەن سەۋەبلەر بىلەن چېقىلىپ، بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار تارقاقلاشتۇرۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.07.07
urumqi-qurulush-305 ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯘﺷﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﺎﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﺍ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
AFP Photo

خىتاينىڭ شىنخۇئا تور بېتىنىڭ 6 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل ياز پەسلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايونلىرىدا، 5 يىل ئىچىدە تەخمىنەن 30 مىليارد يۈئەن مەبلەغ سېلىنىپ، رايوندىكى كونا ئۆيلەرنى چېقىش ئىشى تاماملىنىپ، بۇ جايلاردىكى تەخمىنەن 200 مىڭ ئاھالىنىڭ باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلۈشى پىلانلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەڭرىتاغ رايونىدىكى ھازىر خىتايلار تەرىپىدىن "خېيجىئاسەن" دەپ ئاتىلىدىغان ئىلگىرى ئۇيغۇرلار "تاشبۇلاق" دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدىكى 1500 ئائىلە بۇ يىل يازدا كۆچۈرۈلىدىكەن. سايباغ رايونىغا قاراشلىق يامالىق تېغى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلتۇر يازدىن باشلاپلا كۆچۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، يامالىق تېغىدىكى گۈلىستان مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇ يەردىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا كۆچۈرۈلۈپ ۋاقىتلىق ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە تاشبۇلاق يەنى خېيجىئاسەن رايونىدىكى ئۆيلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى 40 يىلدىن ئاشقان كونا ئۆيلەر بولۇپ، بۇ ئۆيلەرنىڭ كۆپچىلىكىدە يەرلىك ئۇيغۇرلار بىرنەچچە ئەۋلاد بىر قورۇدا ئولتۇراقلاشقان ئىكەن.

خەۋەردە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىكى ئۆيلەر چېقىلىپ، رايوندىكى ئاھالىلەرنى باشقا جايلاردىكى بىنا ئۆيلەرگە تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى سەۋەب چۈشەندۈرۈلۈپ، " بۇ مەھەللىلەردىكى ئۆيلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىدە يۈرۈشلەشكەن توك، سۇ، تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى بولمىغىنى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئازادە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ خىل ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يامالىق تېغى قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەر كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ جايلارغا كۆچەت تىكىلىپ شەھەر مۇھىتى گۈزەللەشتۈرۈلىدۇ" دەپ ئىزاھلانغان.

ئەمما نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇر قەشقەردە، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن كۆچۈرۈشىدىكى ئاساسى سەۋەب، ئەمەلىيەتتە رايوندىكى يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىش، ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، بۇ جايلارغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىشكە پۇرسەت ھازىرلاش، بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جىئەنلى ئەپەندى ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر مۇشۇ خىل قاراشتىكى كىشىلەر بولۇپ، بۈگۈن ئۇلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويدى.

ياڭ جىئەنلى ئەپەندى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ چېقىلىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى.

"خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت مىللىي تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى. بۇلتۇر رايوندا يۈز بەرگەن " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسى كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئەنسىرىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ خىل توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى بۇ خىل مىللىي روھنى يېتىلدۈرىدىغان، ئۇرغۇتىدىغان مەنبە دەپ قارىماقتا. شۇڭا بۇ 60 يىلدىن بۇيان، رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. مانا ئەمدى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئارقىلىق رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ."

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى چېقىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئىسرائىلىيىنىڭ شەرقىي يېرۇلاسالىم رايونىدا ئەرەبلەرنى كۆچۈرۈش سىياسىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.