ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى

مەشرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن جىددىي قوغداشقا ئېھتىياجلىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010.11.24
uyghur-ussul-305.jpg 2007-ﻳﯩﻠﻰ 23-ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯧﯖﺪﯗ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯚﺭﯨﻜﯩﺪﻩ.
AFP

تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن، ئىلگىرى يۇرت ‏- يۇرتلاردا داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ سانى 100خىلدىن ئاشىدىغانلىقى، زامانىمىزغا كەلگەندە بولسا، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي توسالغۇلار سەۋەبلىك، ئاران 30 خىلغا يېقىن مەشرەپ ساقلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم. مەشرەپ بۇ قېتىم ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن جىددىي قوغداشقا ئېھتىياجلىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا يۇرت ‏- يۇرتلاردا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ۋە تۈرلەر بويىچە، ئۇزاق تارىخىي دەۋىرلەردىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن مەشرەپ قاچاندىن باشلاپ قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلى جىددىي قوغدالمىسا بولمايدىغان تەقدىرگە دۇچار بولدى؟ خەلق ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەشرەپلەرنىڭ ۋەزىيىتى قانداق؟

مەشرەپنىڭ خىسلىتى

مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ناخشا، مۇزىكا، ئۇسۇل، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، مىللىي تەنتەربىيە ۋە خەلقنىڭ ئۆرپ ‏- ئادەتلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنى بولغاچقا، ئۇ ئىنتايىن ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە، بولۇپمۇ كۈچلۈك ئاممىۋى خاراكتېرگە ئىگە.

غۇلجىدا "ئوتتۇز ئوغۇل"، قومۇلدا "كۆك مەشرىپى"، خوتەندە "گۇلچاي"، قەشقەردە "چايخانا"، چەرچەندە "توپۇق"، كۇچادا" باغ "، كەلپىندە "ئودىكام"، يەركەندە "كاچۇڭ"، مارالبېشىدا "دولان" دېگەندەك ئۇيغۇر مەشرەپلىرى يۇرت -يۇرتلاردا خەلقنىڭ ئۆز ‏- ئارا رىشتىنى باغلاپ، زوقلاندۇرۇپ ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ كەلگەن. شۇڭىمۇ ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخى مۇساپىسىدە، مەيلى قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمىسۇن، مەيلى قانداق سىياسىي دەۋرلەرنى باشتىن ئۆتكۈزمىسۇن ۋە مەيلى قانداقلا تىل ئىشلەتكەن بولمىسۇن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ ‏- ئادەت، مەنىۋى تۇرمۇشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئەخلاق تەربىيىسىدە ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىنى ساقلاپ ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا ئوخشىمىغان شەكىللەردە تەبىئىي ھالدا داۋملاشتۇرۇلۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ خىسلىتىنىڭ چەكسىزلىكىدىن ئۇيغۇر خەلقىدە " بالىنى مەشرەپكە بەر، ئاندىن كېيىن مەكتەپكە بەر.." دېگەن ھېكمەتلەرمۇ بار .مەشرەپنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئورنىغا شائىر تۇرغۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ ئۇيغۇر مەشرەپلىرىگە ئاتاپ يازغان مۇخەممىسىنىڭ بىر كوبلىتىنى مىسال ئېلىش كۇپايە قىلىدۇ :

تەڭدىشىڭ ئالەمدە يوق، شاھانە ئۇيغۇر مەشرىپى،
مەرىپەت دۇنياسىدا يېگانە ئۇيغۇر مەشرىپى،
ئۈلگە ئەجدادتىن، پۇزۇر يادنامە ئۇيغۇر مەشرىپى،
كاتتا سىر -ھېكمەتكە باي ئەپسانە ئۇيغۇر مەشرىپى،
مىللىتىمنىڭ تارىخى-سالنامە ئۇيغۇر مەشرىپى.

مەشرەپنىڭ ۋەزىيىتى

ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رىئال ۋەزىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئۇيغۇر خەلقىگە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، قېنى ئۇنداقتا، مەشرەپنىڭ ھالىنى يەنىلا مەشرەپ يۇرتلىرىدىن سورايلى. قەشقەردىكى خەلق مەشرىپى داۋاملىشىپ كەلگەن يۇرتلاردىن پوسكامغا تېلېفون ئۇلىغىنىمىزدا بىر دېھقان بۇ يۇرتتا دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى، ھاشارغا ئوخشا تۈرلۈك بېسىملار سەۋەبلىك مەشرەپلەرنى بۇرۇنقىدەك ئۆتكۈزمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولان مەشرىپى يۇرتلىرىدىن مەكىتكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر ياش ئۆزىنىڭ ئەقلىنى تاپقاندىن بۇيان مەكىت ناھىيىسىدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈلۈپ باققىنىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"باغ"مەشرەپلىرى تازا قىزىيدىغان كۇچانىڭ قۇمباش يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق، 25 ياشقا كىرگەن بىر ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ مەشرەپكە قاتنىشىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

شايارلىق بىر دېھقان بۇ يۇرتتىمۇ 90 ‏- يىللاردىن كېيىن مەشرەپلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك ۋەزىيىتىنى بۇنىڭدىن يىگىرمە يىللار ئىلگىرىلا بايقاپ ئىزدەنگەن ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان، بۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ھەققىدە ئۇيغۇر ئاكادىمىكلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ بېشىنى بىر يەرگە يىغىپ بۇ ھەقتە باش قاتۇرۇشقا شۇنداقلا مۇناسىپ ھەرىكەت قوللىنىشقا باشلامچى بولغان، شۇنداقلا نۆۋەتتىكىدەك ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ مەشرەپنى قوغداشقا مۇناسىپ قارار ئېلىشىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان، مىللەت سۆيەرلەردىن، ئۇيغۇر ئالىم، تىلشۇناس ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق، ئەپسۇس ئۇ كىشى تولىمۇ ياشىنىپ قالغان بولغاچقا، بۇ ھەقتە چوڭقۇر سۆھبەتلىشىشكە مۇمكىن بولمىدى.

بىز قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ يولۇقۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەشرەپ تۈرلىرىنى قوغداپ قېلىشقا قانداق تەدبىرلەرنى ئالماقچى ئىكەنلىكىنى سورىماقچى ئىدۇق، بىراق تېلېفوننى ئالغان خادىم، ئامېرىكىدىن كەلگەن تېلېفون ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تېخى نېمە سورىماقچى بولغانلىقىمىزنى بىلمەي تۇرۇپلا جىددىيلىشىپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.