ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 15-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

تۈرك دۇنياسى ياشلار بىرلىكىنىڭ 15‏-نۆۋەتلىك ياشلار پائالىيىتى ۋە قۇرۇلتاي يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. بۇ يىغىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.12.19
ekrem-abdullayof-305.jpg تۈرك دۇنياسى ياشلار بىرلىكىنىڭ 15‏-نۆۋەتلىك ياشلار پائالىيىتى ۋە قۇرۇلتاي يىغىنىدا تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئابدۇللايۇف ئېچىلىش پۇتىقى سۆزلىدى. 2012-يىلى 16-دېكابىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

بۇ يىغىن ئەزەربەيجان ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، ئېزەر، تاتار قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق تۈرك تىل سىستېمىغا تەۋە خەلقلەردىن 120 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ياشلارغا ۋاكالىتەن ئايتۇرسۇنگۇل قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ۋەكىل قاتناشتى.

تۈرك دۇنياسى ياشلار بىرلىكىنىڭ 15‏-نۆۋەتلىك ياشلار پائالىيىتى ۋە قۇرۇلتاي يىغىن زالى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 16-دېكابىر، ئىستانبۇل.
تۈرك دۇنياسى ياشلار بىرلىكىنىڭ 15‏-نۆۋەتلىك ياشلار پائالىيىتى ۋە قۇرۇلتاي يىغىن زالى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 16-دېكابىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

بۇ يىغىن ئىستانبۇلنىڭ سۈتلىجە رايونىغا جايلاشقان «خېلتون گاردېن» مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا، تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئابدۇللايۇف ئېچىلىش پۇتىقى سۆزلىدى.

يىغىندا يەنە تۈرك بىرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى خېلىل ئاكىنجى، ئەزەربەيجان ياشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىنتىقام بابايۇف، ئىراق ياشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىنى ۋە پارلامېنت ئەزاسى فەۋزى ئەكرەم تەرزىئوغلى، بۇلغارىسىتان پارلامېنت ئەزاسى گۈنەر تاھىر، ب د ت نىڭ ئەزەربەيجاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فىكرەت ئاكچۇرا، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ھارۇن قايا، تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كەمال يۇرتناچ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ۋەكىللەر سۆز قىلدى ھەم تۈرك دۇنياسى بىرلىكى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا ياقۇتىيە-ساخا تۈركلىرىنىڭ ۋەكىلى لۇكوۋىتسف ۋالېرىي سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى، تارىختا ساخا تۈركلىرىنىڭ ئالتاي تاغلىرى بويىدا خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئۇرۇش قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىك ۋە بىلىملىك ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى، ساخا تۈركلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا يەنە سۈرىيە تۈركمەنئېلى ۋەكىلى سۆز قىلىپ، سۈرىيە تۈركلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى ۋە «خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قەتلىئام يۈرگۈزگەنگە ئوخشاش ئەسەد ھاكىمىيىتىمۇ سۈرىيە تۈركمەنلىرى ئۈستىدىن قەتلىئام يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»، دېدى ۋە بۇ زۇلۇملارنى دەرھال توختىشىش ئۈچۈن چارە تەدبىر تېپىپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىران تۈركلىرى ۋەكىلى، ئىراندا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئىران تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى خەلقنىڭ دۇنياغا ئاۋازىنى يېتەرلىك ئاڭلىتالماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈش، تۈرك دۇنياسى بىرلىكى قۇرۇش، تۈرك تىل بىرلىكى، پىكىر بىرلىكى ۋە خىزمەت-پائالىيەت بىرلىكى قۇرۇش شوئارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

بۇ يىغىن 1992-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇ يىلقى يىغىندا يەنە تۈرك دۇنياسى ياشلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلتاي يىغىنى ئېچىلىپ رەئىس ۋە رەھبەرلىك ھەيئىتى قايتىدىن سايلىنىدىكەن.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرى بىلەن سەھنىگە چىقىپ مىللىي سەنئەتلىرىنى تەقدىم قىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى كۇباتىن ئەندرېي ئەپەندىنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئەندرېي ئەپەندى، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، ئازەر، قازاق قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى، ئۆتمۈشتە بىر خەلقلەرنىڭ تۈركىستان زېمىنىدا بىرگە ياشاپ كەلگەنلىكىنى، رۇس ۋە خىتايدىن ئىبارەت چوڭ كۈچلەرنىڭ بۇ خەلقلەرنى بىر بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

تۈرك دۇنياسى ياشلار بىرلىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانداق خىزمەت-پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى؟ بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئابدۇللايۇف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈرك دۇنياسى ياشلار بىرلىكى تەشكىلاتى 1992-يىلى تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ بۇ تەشكىلاتقا ھازىر 18 دۆلەت ۋە رايوندىن 36 تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقنىڭ 45 تىن ئارتۇق تەشكىلاتى ئەزا ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە بۇ تەشكىلاتقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىمۇ ئەزا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.