ئابدۇللاھ موللائوغلۇ : 'شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم ئەترىتى يوقمۇ؟'

تۈركىيىدىكى ئىنتېرنېت گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان www.gazeteturka.com دا "دوغۇ تۈركىستانا كونۋوي يوقمۇ؟" يەنى، "شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم ئەترىتى يوقمۇ؟" ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ www.gazeteturka.com  ﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﺩﻭﻏﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺎ ﻛﻮﻧﯟﻭﻱ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟" ﻳﻪﻧﻰ، "ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟" ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ www.gazeteturka.com ﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﺩﻭﻏﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺎ ﻛﻮﻧﯟﻭﻱ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟" ﻳﻪﻧﻰ، "ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟" ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.gazeteturka.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئابدۇللاھ موللائوغلۇ يازغان بۇ ئوبزور مۇنداق باشلايدۇ: "تېلېۋىزورلاردا كۆرگەن، گېزىتلەردە ئوقۇغان بولۇشىڭلار مۇمكىن. ئۆتكەن ھەپتە ئەنگىلىيىدىن يولغا چىققان ئىنسانىي ياردەم ئەترىتى غەززەگە يېتىپ باردى. بىر ئىنگىلىز پارلامېنت ئەزاسىنىڭ يول باشچىلىقىدىكى بۇ ياردەم ئەترىتى بالقاندىن ئۆتۈپ، تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ئىيوردانىيە ئارقىلىق، مەملىكەتلەردىن ئۆتۈپ، مىسىر چېگرىسىغا يېتىپ كەلگەندە زور توسالغۇلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ياردەم بويۇملىرىنى ساق - سالامەت ئاپىرىپ پەلەستىنلىكلەرگە تارقىتىپ بەردى."

ئابدۇللاھ موللائوغلۇ ئوبزورىدا پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "پەلەستىن مەسىلىسى بىر ئەسىرلىق تارىخقا ئىگە بىر مەسىلە. بۇ قېتىمقى ياردەم ئەترىتىنىڭ بېرىشى سىمۋوللۇق بىر ئىش. ئۇلارغا ياردەم بويۇملىرى ئاپىرىش بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغىنى يوق. ئۇنداقتا نېمە بولدى؟ پەلەستىن مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلگەن بولدى. بولۇپمۇ مىسىر ئالغان قاتتىق ئىنساپسىز تەدبىرلەر پەلەستىن مەسىلىسىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى. پۈتۈن دۇنيا بۇ ھەقسىز مۇئامىلىدىن مەزلۇم پەلەستىن خەلقىغە ھېسداشلىق بىلدۈردى. پەلەستىن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدە بولغان بىر مەسىلە. ئويلاپ بېقىڭلار بۈگۈن 70 ياشقا كىرگەن بولسىڭىزمۇ پەلەستىن مەسىلىسى كاللىڭىزدا يېپ - يېڭى بىر مەسىلە. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ يېقىندا ئارقا ئارقىغا تىزىلغان ماشىنىلار بىلەن پەلەستىنگە ياردەم ئاپىرىپ بېرىشكە ئوخشاش پائالىيەتلەرنىڭ بولۇپ تۇرۇشى."

ئۇ ئوبزورىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "پەلەستىن مەسىلىسىگە بەك ئوخشايدىغان يەنە بىر مەسىلە بار، ئۇ مەسىلىنى پەلەستىن مەسىلىسىدەك بىلىپ كەتمەيمىز. ئۇ مەسىلىنىڭ ئىسمى 'شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى.' بۇنداق بىر قانىغان يارا ھەققىدە خەلقىمىز يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇمات ئىگىسى ئەمەس. دۇنيا جامائەتچىلىكىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ. بولمىسا شەرقىي تۈركىستان 1949 - يىلىدىن بېرى خىتايلارنىڭ ئىشغالى ئاستىدا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنساننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇ يەردە پىلانلىق تۇغۇت نامى ئاستىدا بالىلارنى ئۆلتۈرىۋېتىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەقلىرى قوللىرىدىن تارتىۋېلىنغان. بەزى ئىجابىي سىياسەتلەر كۆز بوياشتىن ئىبارەت. ئەڭ ئەشەددى بولغىنى ئۇيغۇرلارغا بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى. ئادالەت خىتاي چېگرىسىدىن كىرەلمەيۋاتىدۇ."

ئابدۇللاھ موللائوغلۇ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "خىتاينىڭ ئەسكىرى كۈچى ھەممىمىزگە مەلۇم. شۇڭا دۇنيا دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. دۇنيادا دېموكراتىيە، قانۇن دۆلىتى ئۇقۇمى قانچىلىك كۈچەيتسە - كۈچەيسۇن يەنىلا دۆلەتلەرنىڭ كۈچى ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتا. ئەسلىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. خىتاي دۇنياغا ئەڭ كۆپ مال سېتىۋاتقان دۆلەت. بۇ ئۇنۋان ئۇزۇن يىللاردىن بېرى گېرمانىيىنىڭ قولىدا ئىدى، 2009 - يىلى خىتاينىڭ قولىغا ئۆتتى. سوتسىيالىزىم بىلەن كاپىتالىزىمنى ئارىلاشتۇرۇپ قۇرغان خىتاي تۈزۈمىنىڭ نەتىجىسى بۇ."

ئۇ ئوبزورىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە يېڭى بىر بەت ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "يازدا ئۈرۈمچىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇر خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە خىتايلارنىڭ نەزىرىدە نورمال بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىسى. بۇرۇن بۇنداق ۋەقەلەر بولغاندا تۈركىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلەتتى، شۇنىڭ بىلەن تۈگەيتتى. خىتاي بۇلارغا پىسەنت قىلىپمۇ قويمايتتى. ئەمما بۇ يىل بىر ئوخشىماسلىق بولدى. ئۈرۈمچىدە بولغان ۋەقەلەر چەتئەل مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن دۇنياغا ئاڭلىتىلدى. يانفون بىلەن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەر ئىنتېرنەت ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئاقلاش ئىھتىياجى ھېس قىلدى. خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئېھتىياجى ھېس قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۆزىنىڭ ئەيىبكار ئىكەنلىكىدىن نومۇس قىلغانلىقىدىن ئەمەس. ئەگەر نومۇس قىلغان بولسا 1949 - يىلىدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىدىن نومۇس قىلسا بولاتتى. مەنچە بۇنىڭ بىرلا سەۋەبى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىقتىسادتىن ئىبارەت. دۇنياغا مال سېتىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا خېرىدارلىرىنىڭ ئالدىدا خىجىل بولغان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا توغرا يول تېپىلدى. توغرا يول شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت."

ئابدۇللاھ موللائوغلۇ ئوبزورىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان: "پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مىللىيەتچىلىك مەسىلىسى دەپ قارىماسلىق كېرەك. سىز بۇ مەسىلىدە 'ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنگىچە تۈرك دۇنياسى' شۇئارى بىلەن چىقسىڭىز، مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقارسىڭىز باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى يوقىتىپ قويۇسىز. ئەگەر بۇ مەسىلىگە دىنىي جەھەتتىن قاراپ 'قىزىل خىتاي مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ' دېگەن شۇئار بىلەن چىقسىڭىزمۇ پايدا ئالالمايسىز. مۇستەقىللىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققىدۇر. چۈنكى بۇ زېمىننى خىتايلار 1949 - يىلىدا بېسىۋالغان. لېكىن ھازىرچە 'شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق' دەپ چىقساقمۇ پايدا ئالالمايمىز. بىزنىڭ بىرلا مەقسىتىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئالدى بىلەن خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش. يادىڭلاردا بولسۇن، غەززەگە كەتكەن ياردەم ئەترىتى لوندوندىن يولغا چىققان ئىدى. دۇنيا خەرىتىسىنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ، ئەنقەرەدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى قانچىلىك ئۇزاقلىقتا. ئىستانبۇل بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى، لوندوندىن غەززەگىچە بولغان ئارىلىقتىن ئۇزاقمۇ؟"

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
تولۇق بەت