يېقىنقى يىللاردىن بېرى پەقەتلا تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، ھەر قايسى، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. بۇلار مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان كۈنلىرى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقىنى مەلۇمات ئىگىسى قىلىشقا تىرىشماقتا.
ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە 80 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى قالەجىك ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى بۇ ناھىيىنىڭ ئەڭ چوڭ زالىدا شەرقىي تۈركىستان كۈنى ئۇيۇشتۇردى.
بۇ پائالىيەتكە ناھىيىنىڭ ھاكىمى شەمسەتتىن ئەرقايا ئەپەندى، ناھىيىلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى، ناھىيىلىك ھەرقايسى ئىدارە جەمىيەت مەسئۇللىرى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق

ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان رەسىملەر، تۈركىيىدە نەشىر قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ گېزىت -ژۇرناللىرى ۋە كىتابلار كۆرگەزمە قىلىنغان.
بۇلاردىن باشقا كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى چالغۇ ئەسۋابلىرىمۇ قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئاخشام چوڭ زالدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يىغىن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى تېمىسىدا سۆز قىلغان.
بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ھايرۇللاھ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىيالايسىز.
