ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ئۆيى» ئۈچۈن ئالتۇن قوزۇق قاقتى
2011.12.21

بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ماددىي جەھەتتىن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 21-دېكابىر كۈنى تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، 20-دېكابىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلەرگە قول قويۇشى بىلەن ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرماقچى بولغان ئۇيغۇر ئۆيى ئۈچۈن رەسمىي زېمىنغا ئىگە بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
بىز ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئالتۇن قوزۇق قېقىلغانلىقىدەك بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى زۇبەيرە خانىملارنى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.