بولۇپمۇ بۇ يىل ئىچىدە كۆپ ساندا تۈرك تۈركولوگلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى، تۈركولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرىغا بېرىپ تاۋاپ قىلىشماقتا.
9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 3 - ئۆكتەبىرگىچە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتى مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور دوكتور زەكى قايماز ئەپەندى ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەرلەرگە بېرىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. قەشقەرگە بېرىپ تۈركولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلمىگەن. بىز زەكى قايماز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پروفېسسور دوكتور زەكى قايماز ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھەر جەھەتتىن ناچار ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالاي دەپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، پروفېسسور دوكتور زەكى قايماز ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭلار.
