بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ 'ئۇيغۇر قارا نوپۇسلار' مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆزىتىشلىرى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.12.31
2009.12.31
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
ئەسلىدە مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت ئىشلىگەن، ھازىر تىجارەت ئىشى بىلەن چەتئەلگە چىققان ئابدۇراھمان قاسىم ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى يېڭى مەسىلىلەردىن بىرى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شەكىللىنىپ ۋە كېڭىيىپ بېرىۋاتقان قارا نوپۇسلار مەسىلىسىدۇر.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نوپۇسسىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر؛ ئاز بىر قىسمى ياشلار ۋە چوڭلار. مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ئابدۇراھمان قاسىم بىر قانچە نۇقتىدىن چۈشەندۈرىدۇ. بىرىنچىسى، نوپۇسقا ئېلىشتا تەلەپ قىلىنىدىغان نوپۇس ئىسپات خېتى. نوپۇس ئىسپات خېتى ئېلىش ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللار دوختۇرخانىدا يەڭگىشى كېرەك؛ خېلى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دوختۇرخانىغا بېرىش ئىمكانىدىن مەھرۇم ياكى بېرىىشنى خالىمايدۇ، تۇغۇت ئىسپات خېتى بولمىغىنى ئۈچۈن نوپۇسسىز قېلىش نۆۋەتتىكى نوپۇسسىز قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.
ئابدۇراھمان قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نوپۇسسىز بالىلار نۆۋەتتە مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىغا ئىگە، ئەمما بۇ خىل يول قويۇشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ دېيىش تەس. بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ ئالىي مەكتەپكە ئېمتىھان بېرىش مەزگىلىگە كەلگەندە، نوپۇسسىز بالىلار مەسىلىسى تېخىمۇ چوڭ بىر مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە، سالاھىيەت كېنىشكىسىنى يېنىدا كۆتۈرۈپ يۈرمىگىنى ئۈچۈن قاماقتا يېتىۋاتقان ئەھۋاللار نەزەردە تۇتۇلسا، بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئەندىشە قىلماسلىق مۇمكىن ئەمەس.
ئابدۇراھمان قاسىمنىڭ قارىشىچە يەنە، نوپۇسسىزلىق مەسىلىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە تۇغۇت ئىسپات خېتى بولماسلىق سەۋەبىدىن باشقا، بىر تۈركۈم ياشلاردا خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە جۈملىدىن پلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئاڭلىق تۈردە، ئۈنسىز شەكىلدە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى مەۋجۇت. چۈنكى بۇلار ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېتىشىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك تەھدىت دەپ قارىغۇچىلاردۇر.
ئابدۇراھمان يەنە، تۇتقۇندىن قېچىش، جازادىن قېچىش، ھاشاردىن قېچىش ۋە نامراتلىقتىن قېچىش قاتارلىق ئامىللارنىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قارا نوپۇسلۇق مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقان سەۋەبلەر قاتارىدا كۆرسىتىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.