15 - نويابىر تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كۈنىدە خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلدى

«15 - نويابىر تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى13 - نويابىر كۈنى تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.11.16
gheyret-niyaz-asiya-heptiliki-305 «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز.
RFA


بۈگۈن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ لوندۇندىكى خادىمى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى باياناتىدا، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىدىن مۇخبىر غەيرەت نىياز ۋە تور باشقۇرغۇچىسى گۇلمىرە ئىمىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلغاندىن باشقا، مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تارماق تەشكىلاتلىرىغا يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ 2012 - يىللىق تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇخبىر غەيرەت نىياز ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تور باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان 20دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تور يازارلىرىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۈرۈشتۈرۈش ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش مۇراجەت قىلنغان.

خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ لوندۇندىكى خادىمى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق «15 - نويابىر تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش» ھەققىدىكى باياناتنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان 20 - دىن ئارتۇق ۋىجدان مەھبۇسىغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى خەكلقارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، 2011 - يىللىق تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كۈنى باياناتىنىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسەر سەۋەبىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان نۇرمەمەت ياسىنغا بېغىشلانغان بولسا، بۇ يىللىق باياناتتا نۇقتىلىق ھالدا، مۇخبىر غەيرەت نىياز ۋە تور باشقۇرغۇچى گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلىنىپ، بۇ دوكلاتنىڭ خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ 147 دۆلەتتىكى شۆبە تارماقلىرىغا يوللىنىپ، ئۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمىىتىگە بېسىم ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يەنە 2012 - يىللىق 15 - نويابىر تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈنىدە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قارمىقىدىكى خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باشقا شۆبىلىرىنىڭمۇ «تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى باياناتى»دا خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يەنە، خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئەزىز ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش، ئۇلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش ھەم خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەركىن پىكىر قىلىش ئىمكانىيىتى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك بېسىملارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق خىزمەت نىشانلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.