پىچانلىقلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا نېفىت قۇدۇقى، قىزلىرى جېجياڭدا ياللانما ئىشچى (1)

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن ناھىيىدىكى بىر قىسىم كۆچمەن خىتايلار ئارىسىدا ماجىرا چىققانلىقىنى، ماجىراغا چېتىشلىق ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى پىچان دېھقانلىرىنى بىۋاستە ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان: رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت شىركەتلىرى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان بولسا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەر ئىگىلىۋېلىشى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سۇ مەنبەسىنىمۇ كېسىپ تاشلىغان.

ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى يەر ماجىرالىرىنى ئېتىراپ قىلدى

بىز بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، تۇرپان ۋىلايەتلىك ۋە پىچان ناھىيىلىك ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. دائىرىلەر بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بەزىلىرى مەسىلىنى ئىنكار قىلدى. ماجىرادا قولغا ئېلىنغان ئىككى دېھقاننىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن پىچان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، دائىرىلەر دېلونىڭ تېخى خۇلاسىسى چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىچان ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارى، پىچاندا ھەقىقەتەن يەر مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇ بۇ مەسىلىنى، خىتاينىڭ رايوندىكى نېفىت قېدىرىش پائالىيەتلىرىگە باغلاپ ئەمەس، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە باغلاپ چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، نۆۋەتتە پىچاندا 24 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى يەرسىز. دېمەك ئۇلارغا ياللىنىپ ئىشلەشتىن باشقا ھايات يولى يوق.

" تۇرپان بىر تەبىئىي ئالتۇن تاۋاق "

نېمە ئۈچۈن، پىچاندا بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر يەرسىز؟ نىمە ئۈچۈن ئۇلار ئىشسىز؟ بۇ سوئاللارغا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن جاۋاب تېپىلمىدى. ئەمما، تۇرپان ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسىنىڭ خەۋەر تورىنى كۆزەتكىنىمىزدە يۇقىرىقى سوئاللارغا قىسمەن جاۋاب بولالىغۇدەك مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق.

مەزكۇر تور بەتنىڭ تۇرپاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ناملىق سەھىپىسى مۇنداق باشلانغان: تۇرپان تەبىئىي بىر ئالتۇن تاۋاق. تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكى، دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت - خېمىيە سانائىتىنىڭ ئۈمىد چىرىغى. تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىنىڭ ئاساسى قىسمى پىچاندا؛ ئۇنىڭ كۆلىمى 53 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. پىچان نېفىتلىكىنىڭ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر مىليون توننا. پىچان نېفىتلىكى جۇڭگۇ نېفىت سانائىتىنىڭ 90 ‏ - يىللاردىكى تەرەققىياتىنىڭ ئابىدىسى.

يۇقىرىقىلار، پىچاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى تونۇشتۇرۇلغان ھۆكۈمەت تور بېتىدىكى 3 بەتلىك مەلۇماتتىن پەقەت بىر پارچە. بىزگە مەلۇمات يەتكۈزگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىچان دېھقانلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا نېفىت قۇدۇقى بار ، ئەمما ئۇلارنىڭ قىزلىرى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدە ياللانما ئىشچى. بۇ ۋەزىيەتكە قارشىلىق كۆرسەتكەن، غالىپ ھەبىبۇللا قاتارلىق پىچان ياشلىرى ھازىر تۈرمىدە، ئۇلارغا بېرىلگەن ئەيىبنامە "بۆلگۈنچى". بىز بۇ ھەقتە كېلەر قېتىملىق پروگرامىمىزدا مەلۇمات بېرىمىز.