ئۆزبېك تارىخچى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئانا تىلىدا تەلىم ئېلىش تەبىئىي ھوقۇقىدۇر (2)

ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى كۇباتىن ئەندرېي ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئانا تىلىدا تەلىم ئېلىش تەبىئىي ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.12.26
uzbek-tarixchi-kubatin-endriy-efendi-305.png ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى كۇباتىن ئەندرېي
RFA/Arslan


تارىخ تەتقىقاتچىسى كۇباتىن ئەندرېي ئەپەندى، يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنى ئاپپاق غوجىنىڭ ئەۋلادلىرى بېسىۋالغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، 19 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندا، ئۇرۇش ۋە ئىشغالىيەت سەۋەبىدىن نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى. ئۆزبېك ئالىملارنىڭ دېيىشىچە شۇ دەۋردە 300 مىڭ ئۇيغۇر قوقەنت خانلىقىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۇباتىن ئەندرېي ئەپەندى، «ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ياشاش ئېچىنىشلىق بىر ھالەت، ئىنسان ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىدە خار بولۇش ياشاشتىن ئېغىر ئازاب بولمىسا كېرەك»، دېدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا قەدىمى مەدەنىيەت مىراسقا ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى، شۇ مەدەنىيەت مىراسنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى كېرەكلىكىنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكلەرنىڭ ئانا تىلىنى يوق قىلىش ئۈچۈن رۇسچە ئۆگەتكەنگە ئوخشاش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوق قىلىش ئۈچۈن خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە زورلاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا تەلىم ئېلىش ھوقۇقى بېرىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە ئانا تىلىدا تەلىم ئېلىش تەبىئىي ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.