سەئۇدى ئەرەبىستانى جىددە يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلار

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە، ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە ھەر تۈرلۈك مىللىي بۇيۇملىرىنىڭ يارمەنكىسى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈركىيە، ئىران، پاكىستان، ھىندىستان، مالايشىيا، تايلاند، ھىدۇنېزىيە، مىسىر، لىۋان، سۈرىيە، ماراكەش، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەكلىرى ۋە مىللى بۇيۇملىرى ئورۇن ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.05.25
Uyg-qol-hunerwenliri-305 ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﺯ ﺋﻪﺳﯟﺍﭘﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى داڭلىق ئۇيغۇر شىركەتلىرىدىن " خېلىل يېمەك - ئىچمەكلەر شىركىتى،" " قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا يېڭى يۇلتۇز ئىكسپورت - ئىمپورت شىركىتى" قاتارلىق مىللىي شىركەتلەرمۇ ئورۇن ئالغان.

قەشقەردىكى ئۇيغۇر شىركەتلىرىدىن جەمى 25 ئۇيغۇر كەلگەن بولۇپ، يارمەنكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قول سانائەت بۇيۇملىرى، قۇرۇتۇلغان مېۋە - چېۋىلىرى ۋە دورا - دەرمەكلىرى كەڭ ئورۇن ئالغان. يارمەنكە 2009 - يىلى24 - مايدا ئېچىلغان بولۇپ، 27 - چىسلاغىچە تۆت كۈن داۋام قىلىدىكەن.

نۆۋەتتىكى يارمەنكە كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىغا سازاۋەر بولغان بولۇپ، يارمەنكە زالىنىڭ ئىچى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرىدىن يېپەك گىلەملىرى، يېپەك جاينامازلىرى، ئۈزۈم، ياڭاق، ناۋات، چىلان قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىغا خېرىدارلارنىڭ تەلەبلىرى ئالاھىدە كۆپ بولغان.

قەشقەردىكى ئۇيغۇر شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىر قانچە كىشى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.