يۇقىرىقى خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر سەرگەردان ئۆسمۈرلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. بۇ خەۋەر خىتاي تور ۋە مەتبۇئات دۇنياسىدا ئانچە دىققەتكە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
ھالبۇكى، بۇ خەۋەرلەر «ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى» گە «ئەخلەت ساندۇقىدا ئۆلگەن بالىلار ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى» سەرلەۋھىسى بىلەن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياپونىيە جەمئىيىتىدە دىققەت تارتتى.
مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇپ، خىتايدىكى سەرگەردان بالىلار جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولىمۇ ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گېرمانىيىلىك پروفېسسور بالمۇ ئەپەندى مەيلى قانداقلا بولسىمۇ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىشقا قاراپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مەن «ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى» 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان خىتايدىكى ئەخلەت ساندۇقىدا ئۆلگەن بالىلارنىڭ پاجىئەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئوقۇپ ناھايىتى چۆچۈپ كەتتىم. مەنلا ئەمەس بارلىق كىشىلەر بۇنىڭدىن چۈچۈشى مۇمكىن. بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلغانلىق ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلغانلىقتۇر.
«ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى» دە بېرىلگەن ماقالىدە خىتايدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بارلىرى ھەققىدىمۇ خېلى تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ماقالىدە «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 2011-يىلى 4-ئايدا باشلىغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىش، كونترول قىلىۋېلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» جەريانىدا 2 مىڭ 300 قۇرامىغا يەتمىگەن بالا قۇتقۇزۇۋېلىنغان. قارا گۇرۇھلار بۇ بالىلارنى خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى سودا مەركەزلىرىدە ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان. بالىلار تاپشۇرۇق بويىچە ئىش قىلمىسا تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. بۇ خىلدىكى ئۆسمۈرلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت يېزا، قىشلاقلىرىدىن ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن.
بۇ خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىدىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان كائورى خانىم قاتتىق ئازابلانغانلىقنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خەۋەرنى ئوقۇپ يۈرىكىم ئېزىلىپلا كەتتى. چۈنكى مەنمۇ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى. بالىلار ئىسسىق ئائىلىنىڭ ۋە ئىللىق مەكتەپنىڭ قوينىدا ياشىشى كېرەك. بۇ پاجىئەلەر ئەلۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىدىكى مەسىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
پروفېسسور بالمۇ ئەپەندى بولسا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئەلەرنىڭ ئاستىغا نېمە سىرلار يوشۇرۇنغانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئېتنىك ۋە تىل جەھەتتىن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قارا گۇرۇھلار تەرىپىدىن ئوغرىلىققا سېلىنىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىش. بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە قانداق سىر بارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. خەلق بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ بولمىغاندا جەمئىيەتتە مۇشۇنداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.