قىرغىزىستان ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇماناپ قاسىم ۋاپات بولدى

قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇماناپ قاسىم، 26 - نويابىر كۈنى، بىشكەك شەھىرىدە ۋاپات بولدى. بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى پوكىروۋكا يېزىسىدىكى مەسچىتتە نامىزى چۈشۈرۈلدى.


ئابدۇماناپ قاسىم 1932 - يىلى تۇغۇلغان ھەمدە ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق نەشىرىيات ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن. 60 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق شېئىرى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پۈتۈنلەي ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org