رۇس تىلىدا "ئۇيغۇر تائاملىرى" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى


2005.07.19

uyghur-taamliri.jpg
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

بېشكەكتە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق ئۇيغۇر دوختۇرى، جامائەت ئەربابى نازىم قەمبېرىنىڭ رۇس تىلىدا تەييارلانغان "ئۇيغۇر تائاملىرى" ناملىق كىتابى يېقىندا نەشردىن چىقىپ تارقىتىلغان.

مەزكۇر كىتابتا ئاساسلىق ئۇيغۇر تائاملىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، ئوتياش - كۆكتاتلارنىڭ نامى، ئىشلىتىلىدىغان دورا دەرمانلار ۋە ئۇيغۇر ئاشپەزچىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاپ –سايمانلارنىڭ ناملىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتور نازىم قەمبېرى ئەپەندى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە توختالدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان "ئىتتىپاق" گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇرېھىموف ئەپەندىمۇ مەزكۇر كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.