ئۇيغۇر تاماقلىرى خەلقئارالىق يېمەك - ئىچمەك يەرمەنكىسىدە

يېمەك - ئىچمەك بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى. ئۇيغۇر تاماقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدەك قەدىمىي تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە دۇنياۋىلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەكلىرىمۇ خەلقئارادا تونۇلۇشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008-11-04
Share
Uyg-tamaq-turkiye-305.jpg ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺴﻰ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 23 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇرۇن ئۇيغۇر تاماقلىرى پەقەتلا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىلا ياخشى تونۇلغان بولسا، ھازىر ياۋروپا، كانادا، تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدىمۇ ئاستا - ئاستا تونۇلۇشقا باشلاندى. ئۇيغۇر تاماقلىرى بىر ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىنىڭ چانقايا رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق يېمەك - ئىچمەكلەر يەرمەنكىسىدە كۆرسىتىلمەكتە.

بۇ يەرمەنكىگە ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئىران، تايلاند، ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشماقتا بولۇپ، ھەممە دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ مىللى تاماقلىرىنى ساتماقتا. ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللاھ ئاقيول ئىسىملىك كىشى، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە بۇ يەرمەنكىگە قاتناشماقتا بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پولۇ، مانتا، چۆچۈرە، يۇتازا ۋە كاۋاپ قاتارلىق يېمەكلىرىنى ساتماقتا.

ھەر كۈنى يۈزلەرچە كىشى ئۇيغۇر تامىقى تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان بۆلۈمگە كېلىپ، ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ تەمىنى تېتىۋاتقان بولۇپ، بىر قېتىم يېگەن كىشى ئەتىسى كۈنى يەنە كېلىپ يەۋېتىپتۇ. بىز بۇ يەرمەنكىدە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان ئابدۇللاھ ئاقيول، ۋە ئۇيغۇر تامىقى يەۋاتقان خېرىدارلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۇيغۇر تامىقىنىڭ بەكلا تەملىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى.

قىممەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئەنقەرەنىڭ چانقايا رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان خەلقئارالىق يېمەك - ئىچمەك يەرمەنكىسى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت