ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلار-«يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى»

ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلەپ قەد كۆتۈرگەن، بېيىغاندىن كېيىن ئۆز مىللىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى»نىڭ خوجايىنى ئىلىيار ئۆمەر ئەپەندىدۇر.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى «يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى»نىڭ خوجايىنى ئىلىيار ئۆمەر ئەپەندى. 2012-يىلى 31-ئاۋغۇست، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

ئىقتىسادى رىقابەت كەسكىن بولغان ياۋروپادا كۆچمەن مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئىگىلىك تىكلەپ قەد كۆتۈرۈش كۆپ تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ، يېمەكلىك ساھەسىدە ئۆزىنىڭ مىللىي تائاملىرىغا ئادەتلەنگەن يەرلىك خەلقنى ئۇلارغا غەيرىي بولغان تائاملارغا جەلپ قىلىش ئاسان ئەمەس. «يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى»نىڭ خوجايىنى ئىلىيار ئەپەندى بۇ جەھەتتە نەتىجە ياراتقان ئۇيغۇردۇر. ئۇ، ئەتراپىدىكى 10 دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى غەرب تائاملىرى رېستورانلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىغان، يەنى يەرلىك خەلقلەر بىلەن بولغان كەسكىن رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقالىغان كىشىلەردىن بىرى. ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر كىشى «يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى»نىڭ بارغانسېرى روناق تېپىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى «يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى»دىكى خادىملار خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلماقتا. 2012-يىلى 31-ئاۋغۇست، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

بىز زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئىلىيار ئەپەندىنىڭ كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان ئۈچ ئىشىنى بايقىدۇق. بۇنىڭ بىرى، ئىتاليانچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە تائاملارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، گېرمانلار ياقتۇرىدىغان تەمدىكى يېڭى تائاملارنى كەشىپ قىلىشى. ئۇ كەشىپ قىلغان تائاملار كۆپلىگەن گېرمان خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، كۈندىلىك مۇقىم خېرىدارلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئىگىلىكىنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولغان.

ئىككىنچىسى، «يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى»نىڭ تائاملىرىنى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقسىز قىلىشى. يالغۇز گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن سەيلە-ساياھەت بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا بۇ دۇكاننىڭ تائاملىرى ھەقسىز بولۇپ كەلگەن، ھەتتا ئۆزبېك، تۈرك، قازاقلارمۇ بۇ دۇكاننىڭ ئەزىز مېھمىنىغا ئايلىنىپ، ھەقسىز تائاملار بىلەن كۈتۈلگەن.

ئۈچىنچىسى، ئۆز قېرىنداشلىرىغا قىلغان خەيرى-ئىھسانلىرىنى سىر تۇتۇشى. ئىلىيار ئۆمەر ئەپەندى ئۆزى يالغۇز ياكى باشقا ۋەتەنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى كۆپلىگەن موھتاجلارغا خەيرخاھلىق قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھىممەتنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدىمۇ بۇ توغرىلىق پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى.

بىز ئۈچۈن تېخىمۇ دىققەتكە سازاۋەر بولغىنى؛ ئىلىيار ئەپەندىنىڭ چوڭ ئوغلى ئىپتىخارنى گېرمانىيىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتالىغانلىقىدۇر. يەرلىك گېرمان پەرزەنتلىرىمۇ ناھايىتى تەستە كىرەلەيدىغان بۇ ئالىي تېخنىكا مەكتىپىگە ئوغلىنىڭ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشقا كىرەلىشى، ئىلىيار ئەپەندى ئائىلىسىنىڭ كۆپ پۇل تاپقاندىنمۇ ئارتۇقراق خۇشاللىقى بولۇپ قالغان.

تۆۋەندە «يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى»نىڭ خوجايىنى ئىلىيار ئۆمەر ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org