"ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى
2007.01.04
ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىردىن چىقتى. ئەسەرنى ئىستانبۇلدىكى مىمارسىنان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور، دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلى يازغان بولۇپ، ئەسەر كىرىش سۆز ۋە 6 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان. 1 - بۆلۈم ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر تارىخىغا، 2- بۆلۈم ئۆتۈكەندىكى ئۇيغۇر خاقانلىقى، 3 - بۆلۈم گەنسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى، 4 - بۆلۈم تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتى، 5 - بۆلۈم ئۇيغۇر دۆلەتلىرى مەدەنىيەت تارىخىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ تىزىملىكى، تاڭ سۇلالىسى ئىمپېراتورلىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇيغۇر خاقانلىقى مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەرىتىسىمۇ بېرىلگەن.
بۇ كىتاپ ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتاپنىڭ ئاپتورى تونۇلغان تارىخچى گۈلچىن چاندارلىئوغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. - ھۆرمەتلىك گۈلچىن چاندارلىئوغلى، ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ناملىق كىتاپ ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟
- بۇ كىتاپنى خېلى بۇرۇن يازغان ئىدىم. مېنىڭ دوتسېنتلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن يازغان ئىلمى ماقالەم ئۆتكەن ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە ئىدى. 1972-1973-يىللاردا يازغان ئىدىم بۇ كىتابنى. ئەمما ئەمدى نەشىر قىلدۇردۇم. كىتابىمنى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى ھەققىدە يېزىلغان خىتايچە تېكىستلەرگە، قەدىمقى ئۇيغۇر تېكىستلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يازدىم. ئۇيغۇر تارىخىنى بىر پۈتۈن ھالدا ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئۈچۈن يازدىم. ئۇيغۇر تارىخى ھىچ شۈبھىسىزكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم دەۋىرلىرىدىن بىرىدۇر.
- سىز بۇ ئۇيغۇر دۆلەتلىرى دىگەن ۋاقتىڭىزدا قايسى مەزگىلنى كۆزدە تۇتىسىز؟
- ئۆتۈكەن رايونىدا قۇرۇلغان بۈيۈك ئۇيغۇر خاقانلىقى، گەنسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە تۇرپان بەشبالىق ئۇيغۇر دۆلىتى قاتارلىق 3 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- ھۆرمەتلىك پروفېسسور، دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلى خانىم، بۇ ھەقتە يەنە كىملەر تەتقىقات ئېلىپ بارغان؟
- مەندىن بۇرۇن قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە پروفېسسور، دوكتور باھائەددىن ئوگەل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىلاردە پەقەتلا ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەبىلىلەرنىڭ قانداق قىلىپ قەبىلىدىن ئىمپېراتورلۇققا قاراپ تەرەققى قىلغان دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئاڭلىتىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈكەن دۆلىتى مەزگىلىدىكى تارىخىنى مەن تەتقىق قىلىپ يازغان ئىدىم. ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ كېيىنكى يىللىرى ۋە يىمىرىلىشى ھەققىدىكى تارىخنى تەيۋەنلىك دوكتور ئوقۇغۇچىسى تسائى ۋەنشەن يازغان ئىدى، بۇ ئەسەر تەيۋەندە تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىندى. ئەسلىدە، قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىنى تۇنجى بولۇپ ئەتراپلىق تەتقىق قىلغان تارىخچىلاردىن بىرى مەشھۇر ياپون ئىلىم ئادىمى ھانەدا تورۇدۇر. ئەسلىدە بۇددىزم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، ياپونىيىدە تۇنجى بولۇپ بۇددىزم تەتقىقات مەركىزىنى قۇرغان پروفېسسور، دوكتور ھانەدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ياپونىيىدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان.
- تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بۇ كىتاپنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟
- كىتاپ ئانا مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ، خىتايچە يىلنامىلەر ۋە ئۇيغۇر كىتابىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يېزىلغان. شۇڭا بۇ ئەسەردىن بىرىنجى قول تارىخى مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايمىز. تارىختا تۈركىي مىللەتلەر قۇرغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بار. تارىختىكى ئىسمىنى بۈگۈنگىچە ئۆزگەرتمەي كەلگەن تۈركىي مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر. قالغانلىرىمىز ھەممىمىز ئىسمىمىزنى ئالماشتۇرغان. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىسمىنى ئۆزگەرتمەي بۈگۈنلەرگىچە كەلگەن.
- گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ خانىم، بۇ كىتابتىن باشقا ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە يەنە قانداق ئەسەرلىرىڭىز بار؟
- مېنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكتورلۇق ئىلمى ماقالەم كىتاپ ھالىدا نەشىر قىلىندى. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك تارىخى توغرىسىدا سۆزلىگەن دەرسلىرىمنىمۇ كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقتىم. تارىخ مېتودى ھەققىدە بىر كىتابىم بار. بۇ كىتاپلىرىمنىڭ ھەممىسى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. يېقىنقى زاماندا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلار ئاڭلىتىلغان بىر كىتابىممۇ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ھازىر مەن يەنە ھازىرقى زامان تۈرك دۇنياسى ناملىق كىتابنى نەشىرگە تەييارلاۋاتىمەن. مەن 3 يىل قازاقىستان، ئىكى يىل قىرغىزىستاندا خىزمەت قىلدىم. ئۇ جەرياندا نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان ئىدىم. بۇ كىتابىمنى شۇنىڭغا ئاساسەن يازىمەن.
پروفېسسور، دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلى يازغان ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ناملىق بۇ كىتابنى ئېلىشنى خالىسىڭىز تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى بىلەن ئالاقە قۇرسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئادرېسى:
P. K. 94 Aksaray/Istanbul. Tel: 0122 511 10 06
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى
- تۈركىيىدە "قاراخانىيلار" ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتورنى زىيارەت(2)
- تۈركىيىدە "قاراخانىيلار" ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتورنى زىيارەت(1)
- تۈركىيىدە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن "دىنىمنى ئۆگىنىمەن" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى
- "ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ۋە "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى" گېرمانىيىدە
- ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىدىكى تۆھپىكار - قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناسى، دوكتور گېگېل ئىسھاقوپ(1)