تەيۋەندە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى «تەيۋەن مۇستەقىللىق بىرلەشمىسى» بىلەن «تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە تەيۋەندە ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

0:00 / 0:00

ئۇ، 25-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىبەت، موڭغۇل، دېموكرات خىتايلار بىلەن ئورتاق ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى مۇخبىرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

teywende-uxpirlarni-kutiwelish-yighini-otkuzuldi-385.jpg
ئىلھام مەخمۇت تەيۋەندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2011-يىلى ئۆكتەبىر. (RFA/Erkin Tarim)

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتى زالىدا «شەرقىي تۈركىستانمۇ ياكى ئىشغال ئاستىدىكى شىنجاڭمۇ؟» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. بۇ يىغىنغا داڭلىق يازغۇچى لىنباۋخۇا ئەپەندى تەيۋەنلىك مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، تىبەت ۋە موڭغۇللاردىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ زىيارىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەيۋەنلىكلەرگە تونۇشتۇرۇش ۋە تەيۋەندىكى مۇستەقىلچىلەر بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە ئىنتايىن يۇقىرى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئۇ، بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا تەيۋەننىڭ گاۋشيۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «پرېزىدېنت سايلىمى ئاستىدا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ نەزىرىدىكى تەيۋەن ۋە خىتاي» ناملىق يىغىنغىمۇ قاتنىشىپ تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لىدېڭخۇي بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.