ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر، خېنەنلىكلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى نامايىش ۋە توقۇنۇش ئارقىلىق تونۇتۇپ قويدى

تۈنۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى جېنپىڭ ناھىيىسىدە، كوچىدا كېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ يۈزىدىكى رومالى بىر خىتاي تەرىپىدىن ئېچىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن نەق مەيداندىكى بىرقانچە ئۇيغۇر بىلەن شۇ ئەتراپتىكى يەنە بىرقانچە خىتاي ئارىسىدا ماجىرا كېلىپ چىققان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-11-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى زېڭچېڭ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار. 2011-يىلى 15-ئىيۇن.
خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى زېڭچېڭ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار. 2011-يىلى 15-ئىيۇن.
AFP

چۈشتىن كېيىن بولغاندا مەزكۇر ناھىيىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار توپلىشىپ، ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. ئۇلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى، 1000 دىن ئارتۇق خىتاي ساقچىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان، نەتىجىدە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يارىلانغان، 3 ساقچى ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلانغان.

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈنۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېنپىڭ ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ۋەقەگە بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ يۈزىدىكى رومالىنىڭ بىر خىتاي تەرىپىدىن ئېچىۋېتىلىشى سەۋەب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دەسلەپتە نەق مەيداندىكى بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر، مەزكۇر خىتايغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرگەن، بۇ چاغدا ئەتراپتىكى يەنە بىرقانچە نەپەر خىتاي ماجىراغا ئارىلىشىپ، ۋەقە تۇغدۇرغۇچى خىتايغا يان باسقان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ناھىيە خىتاي بويىچە تاش سودىسىنىڭ مەركىزى بولۇپ، بۇ ناھىيىدە نۆۋەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تاش سودىسى ۋە باشقا تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تۈنۈگۈن مەزكۇر ماجىرا يۈز بەرگەندىن كېيىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر لار بىر جايغا توپلاشقان. ئۇلار ئۇيغۇر ئايالنىڭ يۈزىدىكى رومالىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىنى، ئايرىم بىر تاسادىپىي ۋەقە دەپ قارىماستىن، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارىغان ۋە ۋەقەنىڭ يىلتىزى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇلار، بۇ ۋەزىيەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، جېنپىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە قاراپ يۈرۈش قىلغان. ئەمما ئۇلار يول ئۈستىدە 1000 دىن ئارتۇق خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

توقۇنۇشتا، ئۇيغۇرلاردىن 50 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان؛ 3 دانە ساقچى ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلانغان. خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ مەلۇماتنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ خىتاي بۆلۈمى مەزكۇر ناھىيىگە تېلېفون قىلغان. ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەشۋىقات خادىمى، ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن، ئەمما ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلمىغان، ئەكسىچە ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رادىئومىز مۇخبىرى يەنە، جېنپىڭ ناھىيىسىدىكى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ، ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن. ئاھالىلەردىن بىرى، بۇ ناھىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىقى تاش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەرقلىق تەقى-تۇرقى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ناھىيىگە ھۆسن قاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مەزكۇر ناھىيىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى باشقىچە؛ ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ۋەقە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئەمەس، خىتاي ئاخباراتىنىڭ يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سەلبىي خەۋەر تارقىتىشى، مۇقىملىق ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكى نامى ئاستىدا خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى كۈشكۈرتۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنى ياتاققا ئالماسلىق قاتارلىق ئاشكارا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تۈزۈم-بەلگىلىمىلىرى، خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا زوراۋانلىق قىلىشقا جاسارەتلەندۈرگەن. شۇڭا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتىدىن ئىلھاملىنىپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىق، چەتكە قېقىش ۋە نۆۋىتى كەلگەندە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى سادىر قىلماقتا.

يەنە دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنى كەمسىتسە ياكى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلسا ئۆزلىرىنىڭ جازالانمايدىغانلىقىنى ياكى يەڭگىل جازالىنىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇيغۇرلارغا يولسىزلىق قىلىش ۋە زوراۋانلىق قىلىشتىن قورقمايدۇ. بىز يەنە دىلشات رىشىتتىن، مەزكۇر نامايىشقا قارىتا كۆز قارىشىنى سورىدۇق. دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خېنەندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ نامايىشى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ يۈرۈشى، تامامەن ھەقلىق. بۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاۋازىنى ياڭراتقانلىق، مىللىي ئىرادىسىنى ۋە غۇرۇرىنى نامايان قىلغانلىق ۋە مىللىي ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىق.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

urra

Nov 30, 2012 07:02 AM

تولۇق بەت