ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسىگە قاتناشتى

تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە خەلقئارالىق ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسى چاقىرىلدى. ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېچىلغان يەرمەنكىگە ياۋروپا دۆلەتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق 60 ئەتراپىدا دۆلەتتىن كۆپ ساندا شىركەت قاتناشتى.

0:00 / 0:00

بۇ يەرمەنكىگە چەتئەلدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر شىركىتى قاتناشقاندىن باشقا، ئەنقەرەدە ئاشخانا ئېچىۋاتقان راخمان ھاسانئوغلۇ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئاشپەز ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تەييارلاپ ساتتى.

9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان يەرمەنكىنى ئون مىڭلارچە كىشى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بۇ يەرمەنكىدە ئۇيغۇر ھۈنەر - سەنئەت بويۇملىرىنى ساتتى.

بۇ يەرمەنكىدە ئۇيغۇر تائاملىرىمۇ يەرمەنكىنى ئايلىنىۋاتقان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ خىل خەلقئارالىق يەرمەنكىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

Yawrasya-yermenkiside-uyghurlar-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻳﺎﯞﺭﻭ - ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻫﯜﻧﻪﺭ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺑﻮﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.