ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى قاراشلىرى

يېقىندا نەشردىن چىقىدىغان "خىتايچە ‏ - ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت" نىڭ 3 - نۇسخىسىغا، 10مىڭدىن ئارتۇق يېڭى سۆز قوشۇلغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ " ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىق" دەپ كۆرسىتىلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.06
Mexmut-qeshqiri-DLughet-305 ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ " ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﯘﺭﻛﻰ " ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﻮﻧﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئەمما، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر تىلغا يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ قوشۇلۇشى تەبىئىي ئەھۋال بولۇپ، بۇنى قانداقتۇر تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى دەپ ئاتاش بىر تەرەپلىمىلىك ئىكەن.

"خىتايچە ‏ - ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت" نىڭ 3 - نەشرى، بۇ يىل دېكابىردا نەشردىن چىقىدىغان بولۇپ، شىنخۇئا ئاخباراتىدا بېرىلگەن "مىللىي تىل - يېزىق لۇغەتچىلىكىدىن 30 يىللىق ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشقا نەزەر" ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر لۇغەتنىڭ بۇ نۆۋەتلىك نەشرىگە 10 مىڭ يېڭى سۆز كىرگۈزۈلگەن، نەتىجىدە لۇغەتنىڭ سۆزلۈك مىقدارى 80 مىڭدىن ئاشۇرۇلغان.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "بۇ نۆۋەت قوشۇلغان يېڭى سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادى ئىگىلىكتىكى ئاسمان - زېمىن ئۆزگىرىشلەر ھەمدە جەمئىيەتكە ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن ئاتالغۇلاردۇر."

قاھار بارات: "30 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە 10 مىڭ سۆزنىڭ قوشۇلۇشى تەبىئىي ئەھۋال"

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىلەر ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتۇر قاھار بارات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن 30 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە 10 مىڭ سۆزنىڭ قوشۇلۇشى ئىنتايىن تەبىئىي ئەھۋال بولۇپ، بۇنى قانداقتۇر ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن نەتىجە دەپ قاراشقا ياكى ئۇيغۇر تىلى - مەدەنىيىتى خىتايلار يولغا قويغان ئىسلاھات نەتىجىسىدە تەرەققىي قىلدى دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولمايدىكەن.

"مىللىي تىل - يېزىق لۇغەتچىلىكىدىكى 30 يىللىق ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشقا نەزەر" ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 30 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئىلى خەلقلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بۇنى مىللىي تىل - يېزىقىدىكى نەشر بۇيۇملىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
 
ماقالىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن بايانلاردا :"30 يىلدىن بۇيان مىللىي رايونلاردا، ئۆزىنى ‏ - ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا كەڭ ئىشلىتىشكە ئىگە قىلىندى" دەپ يېزىلغان ھەمدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز،موڭغۇل ۋە شېۋە قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا نەشر بۇيۇملىرى بارلىقى تەكىتلىنىپ شۇنىڭ بىلەن " ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

قاھار بارات: "ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەرەققىياتتىن خىتايلار بەھرىمەن بولىدۇ"

دوكتۇر قاھار باراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كەلدۇق دەپ تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش تەرەققىياتلاردىن مەنپەئەتدار بولغان ئۇيغۇرلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئەمما تەرەققىيات مېۋىلىرىنىڭ مېغىزىنى پۈتۈنلەي خىتايلار ئۆزلىرى چىقىۋاتقان بولغاچقا، بۇ يەردە قانداقتۇر "تەرەققىيات مېۋىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش" مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.

قاھار بارات: "ئۇيغۇر تىلى بەك باي تىل"

قاھار باراتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ لۇغەتچىلىك تارىخى قانداقتۇر يېقىنقى زامانلاردا باشلانغان يېڭى ساھە ئەمەس بۆلۈپ، بۇنى بەلكىم مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگىچە سۈرۈش مۇمكىن ئىكەن.
 
دوكتۇر قاھار بارات يەنە، 1989 - يىلى نەشردىن چىققان 6 توملۇق "ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى" نىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق سۆزلۈكلەر پۈتۈنلەي كىرگۈزۈلگەن مۇكەممەل لۇغەت دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلى سۆز بايلىقى ئىنتايىن مول بىر تىل بولۇپ، بۇنىڭ داۋاملىق قېزىشقا، ئىزدىنىشكە ۋە توپلاشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزگە ئىنتايىن باي بىر تىل ئىكەنلىكىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ھازىر گېرمانىيىدە ئىشلىنىۋاتقان "قەدىمى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى" نى مىسال قىلدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.