ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى تەرەققىياتى ھەققىدە ئېزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.05.04
2012.05.04
RFA/Aziz Isa
ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى تەرەققىياتى ھەققىدە ئېزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقى بارغانچە كۈچەيگەن يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇ تەرەققىيات ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەم تور يازغۇچىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى سەۋەبلىك تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتياي تۈرمىلىرىگە سولىنىشى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت ئوبيېكتى بولماقتا.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ ئۇيغۇر تور بېكەت تەرەققىياتى ھەم ئۇيغۇر تور بېكەت باشقۇرغۈچىلىرى ھەققىدە خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئېزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىدە بولسۇن.
بۈگۈن 4 - ماي خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى. ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەم پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى قانداق چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ؟
خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئېزىز ئەيسا ئەپەندى، يېقىندا «ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە ئومۇمىي نەزەر» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرىكى ھەم كېيىنكى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ھەم ئۇيغۇر تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدە توختالغان.
ئېزىز ئەيسا ئەپەندى ماقالىسىدە، نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تور بەت تەرەققىياتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر تور بېكەت تەرەققىياتىنى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرىكى نىسبەتەن ئەركىن تەرەققىيات باسقۇچى ھەم 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدىكى تەرەققىيات باسقۇچى دەپ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ، ئۇيغۇر تور بەت تەرەققىياتى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.
ئېزىز ئەيسا ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچۇر دەۋرىدىكى تۇنجى ئىنتېرنېت تور بېكىتى 1991 - يىلى8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى برىتانىيىلىك بېمېرس - لېئې تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئۇيغۇر تور بېكەت تەرەققىياتىمۇ 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خەلقئارا ئىنتېرنېت تەرەققىياتىغا ماس قەدەمدە تېز ئىلگىرىلىگەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇنجى تور بېكىتى 1999 - يىلى نىجات ئەپەندى تەرىپىدىن ئېچىلغان ئاممىۋى تور بېكىتى «ماكانىم» دىن تەرەققىي قىلىپ، 2005 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت تور بېكەتلىرىنىڭ سانى 4200 گە يەتكەن.خىتاينىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 1 - سانىدىكى خەۋىرىدە، شۇ يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تىزىمغا ئېلىنغان تور بېكەتلىرى 1777 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 800 دىن ئارتۇق تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تور بېكىتى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالە ئاپتورى ئېزىز ئەيسا ئەپەندى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تور بەت تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ساھەسىنى كونترول قىلىشتا يولغا قويغان تۈرلۈك قائىدە - نىزام، قانۇنى بەلگىلىمىلەر كۈچەيگەن شارائىتتىمۇ، ماكانىم، سەبىلەر،دىيارىم، سەلكىن قاتارلىق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېتىقادى،ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى،مائارىپى، پەن - تېنىكا، سودا - ئېلان، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق مول مەزمۇنلىرى ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تېخنىكىسى بىلەن ئەينى يىللىرىدىكى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىدە نىسبەتەن يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيىسى ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئېزىز ئەيسا ئەپەندى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسىنتى ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى ھەم بۇ تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئوينىغان رولى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.
ئېزىز ئەيسا ئەپەندى ئۆز بايانىدا ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادىتى ھەم مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتىن باشقا تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خىتاي جەمئىيىتىگە بىلدۈرۈش، شۇنداقلا باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە يانداپ ئۆتۈپ كېتىلگەن، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزگەن قانۇن، نىزاملار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ھەم كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېزىز ئەيسا ئەپەندى «ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە ئومۇمىي نەزەر» ناملىق ماقالىسىدە،2009 - يىلدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، 5 - ئىيۇل نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشىدە قۇتراتقۇلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ، بۇيرۇق بىلەن تاقالغان تور بېكەتلىرى ھەم قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى، تور يازغۇچىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقالغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىنىڭ 200دىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئاشكارا سوتلىنىپ خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئىسمى ئېلان قىلىنغانلار 20دىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئەمما يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، كىملىكى ئاشكارىلانماي مەخپىي سوتلىنىپ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان تۇر بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەم تور يازغۇچىلىرىنىڭ سانىنىڭ 300دىن ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سۆھبەت جەريانىدا ئېزىز ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقالغان تور بېكەتلىرى ھەققىدە نىسبەتەن ئەتراپلىق ئۇچۇر بەرگەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن باشقا يەنە، خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ، دىيارىم تور بېكىتىنىڭ ئەنگلىيىدىكى ساھىبى دىلمۇرات پەرھات ئەپەندى قاتارلىقلاردىن بىۋاسىتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېزىز ئەيسا ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ، مەخپىي سوتلانغان ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەقىقى سانىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر تور بېكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگۈچىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم پاكىتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئېزىز ئەيسا ئەپەندى ماقالىسىدە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات يۆنۈلۈشى ھەم شەخسى بلوگلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ بىرقەدەر ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.
ئېزىز ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرى ئىچىدە «ئوكيان تور بېكىتى» قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇن ھەم تېخنىكا جەھەتتە نىسبەتەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلۇۋاتقان شەخسى بلوگلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ نىسبەتەن تېز بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىش:
http://www.uyghurpen.org/uy/Uyghur_torbetchilikige_omumiy_nezer.html