ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېلېفون، ئېلخەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تور بەتلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، "26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى" ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. ئوخشاش بىر مەزگىلدە يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېلېفون، ئېلخەت ئالاقىسى ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىمۇ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.06.30
Urumqi-7-5-Uyghur-pajiesi-Xitay-zomigerligi-305.jpg YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ، ﻳﻪﻧﻰ 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، 13 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻟﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ "ﺋﻮﯞﻻﭖ" ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەتبۇئاتلاردا ھەم ئىدارە، جەمئىيەت، مەكتەپلەردە "26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى" ھەم "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە دائىر ئۇچۇرلارنى خەۋەر قىلماسلىق، بۇ ھەقتە توختالماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، 28 - ئىيۇن دۈشەنبىدىن باشلاپ يەنە ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە كوچىلاردا ساقچىلار كۆپەيتىلىپ، چارلاش كۈچەيتىلگەن. ئۈرۈمچىدىكى فاڭ خانىمنىڭ 29 - ئىيۇن رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ بىر نەچچە كۈندە پۇقرالارنىڭ سىرتقا ئاز چىقىشى تەلەپ قىلىنغان، بەزى جايلاردا 4 - 5 - ئىيۇل كۈنلىرى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ تېلېفونلىرى ھەم ئېلخەتلەرگە بولغان ھۇجۇم كۈچەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بەتلىرى ھەم پۇقرالار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىمۇ نامەلۇم خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئۆزىنىڭ تېلېفونى ھەم ئېلخەت ساندۇقىغا قارىتىلغان ھۇجۇم كۈچەيگەنلىكىنى، بۇنىڭ خىزمەت ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭمۇ خاككېرلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
 
ئەرك تېلېۋىزىيىسى بۇلتۇر 9 - ئايدا گوللاندىيىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تور تېلېۋىزىيىسى بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ تور بېكىتى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تاقىلىپ قالغان ئىدى. بۈگۈن تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تور بېكىتىنىڭ 26 - ئىيۇندىن بۇيان خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تاقىلىپ قالغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھازىر تور بېكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن يەنە، ۋەتىنىم تور بېكىتىنىڭ ئادمىنلىرىدىن بىرى بولغان ئوسمانجان ئەپەندىمۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تور بېكىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىش سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

ئىلشات ئەپەندى نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ خاككېرلار تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە، بۇلتۇر رايوندا يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دەك كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبىدىن خاككېرلار ئارقىلىق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قوزغىغان بىر قېتىملىق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.