ھاۋا يوللىرىنىڭ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى ئۇچۇشتىن توختىتىپ قويۇلغان

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە يولغا قويغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ۋاقتىنچە ئۇچۇشتىن توختىتىپ قويۇلغان.

0:00 / 0:00

لېكىن مەركەز بىلەن يەرلىكتىكى ئاۋىئاتسىيە دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى بايانى بىر - بىرىگە زىت بولۇپ، ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايرۇدۇرۇمىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل دائىرىلەر ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقە، ئەگەر راست بولسا بىخەتەرلىك نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئېغىر مىللىي يەكلىمە، دەپ كۆرسەتمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۇيغۇر ئىلى ھاۋا يوللىرىنىڭ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى سەۋەب قىلىپ، ئۇچۇشتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىغا دائىر خەۋەر ئەنگىلىيە " تايمىز" گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى سانىدا ئېلان قىلىندى. خەۋەردە بۇ 3 ئۇيغۇر ئۇچقۇچىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ خىتاي ھاۋا يوللىرى قاتنىشىدا يولۇچىلار ئايروپىلانى ھەيدەيدىغان بىردىن - بىر 3 ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلارنى توختىتىپ قويۇش ۋەقەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، كۇچا شەھەرلىرىدە خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن شۇنداقلا بۇنىڭ ئالدىدا 19 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۈرۈمچى - بېيجىڭ ئارىسىدا قاتنايدىغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت قويماقچى بولغانلىقى، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

تۈنۈگۈن بېيجىڭدىكى خىتاي ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلارنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئەنگىلىيە " تايمىز" گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ "جۇڭگو ھاۋا يوللىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇچقۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن پەقەت 3 كىشىلا بار ئىدى. ئۇلارغا بولمىدى دېگەندە ئولىمپىك يىغىنى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئايروپىلان ھەيدىيەلمەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىندى" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئولىمپىك جەريانىدا بىرەر ۋەقە يۈز بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىلى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ 4 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە 2 ئۇيغۇر ياشنىڭ 16 نەپەر خىتاي ژاندارمىنى ئۆلتۈرۈش، كۇچاردا خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، قەشقەر يامانياردا 4 نەپەر خىتاي بىخەتەرلىك خادىمىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسىيالمىغان ئىدى.

ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۇچقۇچىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى بۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدا بىر ئۇيغۇر يولۇچى قىزنىڭ بېنزىن قاچىلانغان ئىككى ئىچىملىك قۇتىسىنى ئۈرۈمچى دىۋوپو ئايرودرومىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن توسالغۇسىز ئۆتكۈزۈپ، ئۈرۈمچى - بېيجىڭ ئارىسىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئېلىپ چىقىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىشلار ئىدى. لېكىن خىتاينىڭ مەركىزى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر بىلەن يەرلىك ئاۋىئاتسىيە سېستىمىسىدىكى دائىرىلەر بۇ ۋەقە توغرىسىدا بىر - بىرىگە زىت بايانلاردا بولۇشماقتا.

ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ ھاۋا يوللىرى مۇھاپىزەت باشقارمىسىدىكى خادىملار "تايمىز " گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىكى 3 ئۇيغۇر ئۇچقۇچىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى رەت قىلدى.

ھاۋا يوللىرى مۇھاپىزەت باشقارمىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر تۇڭگان كادىرى مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا "سىز خاتا ئاڭلىۋالغان ئوخشايسىز. مەن سىزگە بىلگەنلىرىمنى ئېيتىپ بېرەي. مەن تېخى تۈنۈگۈنلا بىر ئۇيغۇر ئۇچقۇچى بىلەن سەپەر قىلدىم. سىز دېگەن ئۇ 3 نەپەر ئۇيغۇر ئۇچقۇچىنىڭ بۇ ئۇچقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىنى بىلمىدىم. لېكىن سىز دېگەن بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ئەمەس " دەپ كۆرسەتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھاۋا يوللىرىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلارنى توختىتىپ قويۇش بىلەن چەكلەنمىگەن.

ئەنگىلىيە "تايمىز" گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغان خادىمى شىنجاڭدىكى ھاۋا يوللىرىدا ئىشلەيدىغان باشقا ئۇيغۇر خادىملارنىڭ خىزمەت ئورنى يۆتكىلىپ، خىتايدىكى باشقا رايونلارغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ خىزمىتىگە ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن شىنجياڭ ھاۋا يوللىرىدىكى يۇقىرىقى بىخەتەرلىك ئەمەلدارى "تايمىز" گېزىتىنى "توغرا خەۋەر بەرمەسلىك" بىلەن تەنقىد قىلدى. ئۇ، "شىنجاڭ ھاۋا يوللىرى ياكى جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان نەچچە يۈز ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قانچىسى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلار. ھاۋا مۇلازىملىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ سىز دېگەن سەۋەبلەر تۈپەيلى توختىتىپ قويۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ باقمىدى " دەپ ئەسكەرتىدۇ. بۇ خادىم شىنجاڭ ھاۋا يوللىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلارنىڭ سانىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇنى ئايرودرومنىڭ كادىرلار بۆلۈمىدىن سوراش كېرەكلىكىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ 3 - 4 نەپەر ئۇيغۇر ئۇچقۇچىنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "مەن ئۇلارنى ناھايىتى ياخشى تونۇيمەن شۇنداقلا بىز ناھايىتى ياخشى دوستلار،" دەيدۇ.

خەلقئارا ئاگېنتلىقلار يېقىنقى خەۋەرلىرىدە ئايروپىلاندا سەپەرگە چىققان يولۇچىلار ياكى ئايرودروم ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلار ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھېچبىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشەلمىگەن.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلارنىڭ توختىتىپ قويۇلۇش ۋەقەسىنى ئەيىبلىمەكتە. جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا بۇ ۋەقەنى " قىپيالىڭاچ ئېرقىي كەمسىتىش " دەيدۇ. ئالىم سېيتوف يەنە، ئولىمپىك يىغىنى ئەسلى مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى، ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتنى، ئۆز - ئارا نازاكەت ھەم دوستانە رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەدەنىي پائالىيەت بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتنى خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئويغىتىشنىڭ قورالى قىلىۋالغانلىقىنى، خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئارىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقى چاچقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ مەسىلىدە " خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكى" نى تەكىتلىگەن ئالىم سېيىتوف، "ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي خەلقىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشىمىزغا قارشى " دېگەن تۇيغۇ ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ ئالدىدا بەزى كىشىلەر رادىئومىزغا شىنجاڭ ھاۋا يوللار شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر يولۇچىلارغا ئايروپىلان بېلىتى ساتمايۋاتقانلىقىغا دائىر شىكايەتلەردە بولۇشقان ئىدى.