ئادەمنى ئويغا سالىدىغان «ئورتا ئاسىيالىق ئۇيغۇرلار» ئاتالغۇسى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن غەربىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي ئاخباراتلىرىدا «ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرى» دېگەن نامدا ئاتىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ شۇ بويىچە ئومۇملاشقان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2013.01.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
qeshqer-kochisi-305.png قەشقەردىكى بىر قەدىمىي كۆچىدىن بىر كۆرۈنۈش
AFP

ئۇيغۇر تىلىدا ئومۇملاشقان بۇ يېڭى ئاتالغۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار» ۋە «ئورتا ئاسىيالىق ئۇيغۇرلار»، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ۋەتەنلىك ئۇيغۇرلار» ۋە «ئورتا ئاسىيالىق ئۇيغۇرلار» دېگەن يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

جۇغراپىيىلىك ئىلىم نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئاسىيانىڭ يۈرىكى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئېلى بۈگۈنكى سىياسىي جۇغراپىيىدە تۇتقان ئورنى سەۋەبلىك  ئوخشىمىغان كاتېگورىيىلەرگە مەنسۇپ بولۇپ كەلدى.

«ئورتا ئاسىيا» ئۇقۇمى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زامانىدا ئۆز تېررىتورىيىسىگە قاراشلىق  قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق تار دائىرىدىكى جۇغراپىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. قازاقىستان زېمىننىڭ كۆپ قىسمى شىمالغا قاراپ سوزۇلغانلىقى بىلەن ئورتا ئاسىيا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ئورنى جەھەتتە خىتايغا تەۋەلىكى بىلەن ئورتا ئاسىيا جۇغراپىيىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن پەيدا بولغان بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر ئورتا ئاسىيا جۇغراپىيىسىگە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان قاتارلىق يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان بىر قىسىم ياش دۆلەتلەرنى ئەزا قىلىپ تاللىدى. ئەمەلىيەتتە ئورتا ئاسىيا ئۇقۇمى بۈگۈنكى كۈندە  تار ۋە كەڭ مەنىدىكى جۇغراپىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تار مەنىدىكى ئورتا ئاسىيە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 5 دۆلەتنى كۆرسەتسە، كەڭ مەنىدىكى ئورتا ئاسىيا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 5 دۆلەتتىن سىرت ئافغانىستان، ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە موڭغۇلىيىگە سوزۇلغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. ئورتا ئاسىيا تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ئورتا ئاسىيا تەتقىقات دائىرىسىدىكى مۇھىم ساھەلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي جۇغراپىيىدە شەرقى ئاسىياغا تەۋە بولغان خىتايغا مەنسۇپ بولۇشتەك بەختسىزلىكى سەۋەبلىك خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئورتا ئاسىيا تەتقىقاتىدا كۆپىنچە ھالدا كۆڭۈلدىن يىراق يېتىم بالىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاڭسىز ھالدا قوللىنىلغان «ئورتا ئاسىيالىقلار» ئاتالغۇسى ئەسلىدىن ئۆزلىرىنى ئورتا ئاسىيا جۇغراپىيىسىدە ۋە ئورتا ئاسىيا مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە ھېس قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلىنغان تەۋە ئۇيغۇرلاردا بەزى سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئورتا ئاسىيا جۇغراپىيىسىگە تەۋە خەلق تۇرۇقلۇق بۈگۈنكى كۈندە باشقىلارنى«ئورتا ئاسىيالىقلار» دەپ ئاتاش خۇددى ئۆزلىرىنى ئورتا ئاسىياغا تەۋە ئەمەس، بەلكى شەرقى ئاسىياغا تەۋە خەلق دېگەندەك بىئارام تۇيغۇ پەيدا قىلىدىكەن. ھازىر فىنلاندىيىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بۇ ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بايان قىلىشىچە، قارماققا بۇ ئاتالغۇنى قوللىشىش ياكى قوللانماسلىق ئانچە مۇھىم ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يىراقنى نەزەرگە ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك ئامىللىرىنى پەيدا قىلىشتا بەزى ئاكتىپ ئامىللارنى پەيدا قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما يەنە بەزى ئۇيغۇرلار، بۇ خەلقئارا ئېلىم ساھەسىدىمۇ ھەل قىلىنمىغان مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياكى ئۇيغۇر ئېلى سىرتتا قالمىغان يېڭى بىر ئاتالغۇنى پەيدا قىلىش ئانچە ئاسانغا توختايدىغان ئىش ئەمەس ئىكەن. بىز بۇ ھەققىدە شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئاتالغۇ ئىشلىتىش ساھەسىدە خېلى كۆپ قالايمىقانچىلىقلار مەۋجۇت بولۇپ،  بۇنى ھەل قىلىش يەنىلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.