ئۇيغۇرلار ئامېرىكا سايلىمىدىن ئەندىشە ھېس قىلمايدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئىككى نەپەر پرېزىدېنت نامزاتىدىن مەيلى كىمنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە سەلبىي بىر ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.