ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يالتا يىغىنى ئېچىلغان ساراينى زىيارەت قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.08.13
2009.08.13

RFA Photo / Erkin Tarim
قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ بىر قىسمى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە يالتا يىغىنى ئېچىلغان ساراينى زىيارەت قىلدى.
بۇ ساراينىڭ ئىسمى لىۋادىيا سارىيى بولۇپ، بۇ ساراي 1861 - يىلىدىن بېرى چار رۇسىيە پادىشاھلىرى ئۈچۈن يازلىق ساراي قىلىپ ئىشلىتىلگەن. بۇ ساراي 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ئالدىدا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى سىتالىن، ئەنگىلىيە رەھبىرى چۇرچىل ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى رۇزۋېلت 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە يىغىن ئېچىپ، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن جاي دەپ ھېسابلىنىدۇ.
بەزى تارىخچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىنىڭمۇ بۇ جايدا بەلگىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىز بۈگۈن يالتادا قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە بۇ تارىخى ساراينى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.