ئۇيغۇر سىياسى تارىخى ھەققىدىكى يېڭى كىتاب

يېقىندا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىيونى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى ھەققىدە كىتاب يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى مەسىلىلىرى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىدىكى مۇھىم تېما. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي - ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى، سىياسىي جەھەتتىمۇ ئۆزىگە خاس بولغان دۆلەتچىلىك ئەنئەنىلىرىنى ياراتقان ۋە راۋاجلاندۇرغان ئىدى.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قىسقىچە ئىلمىي كىملىكى

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە كۆپلىگەن كىتابلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق مەخسۇس سىياسىي تارىخى ھەققىدە ۋەكىل خاراكتېرلىك بىرەر مەخسۇس ئەمگەك تېخى دۇنياغا كەلمىگەن ئىدى. ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى ھەر قايسى ئەل ئاپتورلىرىنىڭ كىتابلىرىدا پەقەت ئايرىم ۋە قىستۇرما شەكلىدىلا يورۇتۇلغان.

ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىكى بۇ بوشلۇقنى قازاقىستاندىكى سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېقىندا نەشىر قىلغان كىتابى " ئۇيغۇرلار؛ قەدىمكى دەۋرلەردىن ھازىرغىچە بولغان مىللىي سىياسىي تارىخ" ماۋزۇلۇق كىتابى بىلەن تولدۇردى.

قەھرىمان غوجامبەردى ئۇزۇن مەزگىل سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت قىلىپ، پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن پېنسىيىگە چىققان. ئۇ، كىچىكىدىنلا ئۇيغۇرلار تارىخىنى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە قىزىقىپ، كۆپ ماتېرىياللارنى توپلىغان ھەمدە بىر مەزگىل قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان ھەمدە 90 - يىللاردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

چوڭ ھەجىملىك كىتاب

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ مەزكۇر كىتابى ئالمۇتادىكى "ناش مىر " نەشىرىياتى تەرىپىدىن رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، كىتابقا سىياسەت پەنلىرى دوكتورى خەمىت ھەمرايېۋ بىلەن فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئالىمجان تىلىۋالدى پىكىر سۆزى يازغان.

كىتاب قەدىمكى، ئوتتۇرا ئەسىرلەر، يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان ھەم بۈگۈنكى دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەر بىر قىسىم بابلارغا ئايرىلغان. كىتابنىڭ ھەجمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، جەمى 710 بەت.

كىتابتا ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان مەسىلىلىرى كۆپرەك بايان قىلىنغان

كىتابنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر سىياسىي تارىخىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى مۇرەككەپ سىياسى تارىخى، خەلقئارا ۋەزىيەت، سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان تۈرلۈك سىياسىي ئېقىملار ۋە ئىدىيىلەر مەسىلىسى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر بىر قەدەر سىستېمىلىق يورۇتۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1949 - يىلىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت، بولۇپمۇ، يېقىنقى ئون نەچچە يىل جەريانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىمۇ خېلى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور بۇ ۋەقەلەرگە ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردىن بىر قەدەر تولۇق خەۋەردار ئىدى.

كىتابنىڭ ئاخىرىغا پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىملىكى بېرىلگەن بولۇپ، ئاپتور مەشھۇر رۇس ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت نوپۇزلۇق ئەمگەكلىرىدىن ئاساسەن دېگۈدەك پايدىلانغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، داۋۇت ئىسسىيېۋ، ھاجى نۇر ھاجى قاتارلىق ۋاپات بولغان ئالىملارنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان ئەمگەكلىرىدىن شۇنىڭدەك ھازىرمۇ ئىلمىي پائالىيەت قىلىۋاتقان تارىخشۇناسلاردىن گېگېل ئىسخاكوۋ، ئابلەت كامالوۋ، نەبىجان تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ رۇسچە كىتابلىرىدىن ۋە قۇربان ۋەلى، توختى ئىبراھىم ھەم باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان. ئاپتورنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، رۇسچە ماتېرىياللار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن.

قەھرىمان غوجامبەردى مەزكۇر كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك سىياسىي تارىخىي تەرەققىيات كارتېنىسىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قەدىمكى، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان سىياسىي تارىخىنى يازغاندا، ئاساسەن بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا، ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان قىسىمىغا بايان بىلەن تەھلىل ھەم خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللانغان. كىتابقا پىكىر سۆزى يازغان دوكتورلاردىن ئالىمجان تىلىۋالدى بىلەن خەمىت ھەمرايېۋ مەزكۇر ئەمگەكنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ئەلۋەتتە، تۈرلۈك چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن ئاپتورنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە ئىلمىي مېتودىكىلىرىدا قىسمەن يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى خۇددى باشقىلارنىڭ ئەمگەكلىرىدە كۆرۈلگەندەك ئەھۋال بولۇشى تەبىئىي.