ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: تىبەت زىيالىيلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئويغىتىشى كېرەك
2012.12.05
بۇ ھەقتە پىكرى يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بۇ تىبەت زىيالىيلىرى شۇ ئارقىلىق ئۆز ۋىجدانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن ھەر ساھەدە بىرلىك شەكىللەندۈرۈشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، 7-نويابىر تىبەت ساچۇدا سىجى ئىسىملىك بىر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويغان بولۇپ، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ئوتنى ئۆچۈرۈپ، سىجىنى تۇتۇپ كەتكەن ۋە قاماپ قويۇپ داۋالاتمىغان. نەتىجىدە 18-نويابىر سىجى تۈرمىدە قازا قىلغان.
27-نويابىر كەچتە، گەنسۇ ساچۇدا ساجى جاشى ئىسىملىك 18 ياشلىق بىر تىبەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ئوت قويۇپ نەق مەيداندا قازا قىلغان. بۇ يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە شاخې ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 8-قېتىملىق ئۆزىگە ئوت قويۇپ قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى، ساجى جاشى يېقىنقى 24 كۈن ئىچىدە ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرگەن 25-تىبەتلىك.
خەۋەردە يەنە، ساجى جاشىنىڭ ھىندىستان دارامسالادىكى بىر تۇغقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشتىن بۇرۇن ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، تىبەت خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۆزىنى كۆيدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تىبەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يېقىندىن بۇيان كۈچىيىشكە باشلىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان قېرىنداشلىرىنى قوللاش ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىش ئۈچۈن، لخاسانى مەركەز قىلغان ھالدا باشقا تىبەت رايونلىرىدا ياشايدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ھۆكۈمەت كادىرى، يازغۇچى، تىجارەتچى ۋە زىيالىي بولۇپ 60 تىن ئارتۇق تىبەتلىك 26 ۋە 28-نويابىردىن باشلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرغان.
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋەلى ئەپەندى تىبەت زىيالىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوللاپ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ھازىر خىتاينىڭ مەيلى ئۇيغۇرلارغا بولسۇن، مەيلى تىبەتلەرگە بولسۇن مەزكۇر مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئىنسانىي ۋە ۋىجدانى نۇقتىدىن قوللاشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋەلى ئەپەندى يەنە، تىبەت داۋاسىنىڭ تىبەتلەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە يېيىلىشقا باشلاپ، ھەر ساھەدىكى تىبەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقى، مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، تىبەت زىيالىيلىرىنىڭ بۇ پائالىيىتى ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ، تىبەت مەسىلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ چىقالىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ تىبەتتىكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ باشقىچە ئۇسۇلۇپتا، سالمىقى ئېغىر ۋە كەڭ كۆلەمدە بولۇشى كېرەكلىكىنى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا قارشىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ زىچ ئالاقە ئورنىتىپ، ئورتاق پىكىر ۋە ئىدىيىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، مۇشۇنداق بولغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە پاش قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ۋەتەن ئىچىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارغا روھى ئىلھام بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئازادجان بۇغرا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرۈشنىڭ بىر دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە، قانۇنىغا بولغان نارازىلىق پائالىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ ئۆزنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند بايانات بېرىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى مايك پوسنېرنىڭ، ئۆزىگە ئوت قويۇپ قارشىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلىكلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تىبەتكە قاراتقان باستۇرۇشلىرىدىن بەك ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تىبەتتە ئەكس تەسىر بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىگە ھەمدە دىنىي ئەركىنلىك، سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى، تەشكىللىنىش-جەمئىيەت قۇرۇش ئەركىنلىكىگە قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
2009-يىلى 4-ئايدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ئوت قويۇپ قارشىلىق بىلدۈرگۈچى سانى 91 كىشىگە يەتكەن.