ئۇيغۇر رايونىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يېپىق سوتنىڭ ئىچ يۈزى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1990-يىللاردىن باشلاپ «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار «يېپىق سوت» ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-01-08
Share
urumchi-weqesi-sotlanghan-balilar-305.jpg 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن سوتلانغان بالىلار.
CCTV

يېپىق سوت خىتايدا سىياسىي جىنايەتچىلەرنى سوتلاش ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىگىلەنگەن خەۋەرلەر ۋە شاھىتلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئىكەن. ئۇنداقتا، ئاتالمىش «يېپىق سوت» قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ ئۇنىڭ كونكرېت جەريانى ۋە ئىچ يۈزىگە نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق «يېپىق سوت» قا قاتنىشىپ، سوتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا شاھىت بولغان نۇرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نۇرى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1999-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىنىڭ بىرىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق يېپىق سوتقا قاتناشقان. شۇ قېتىملىق يېپىق سوتتا «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن 11 نەپەر ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. مەخسۇس بىلەت تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن پەقەت سوتلانغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىلا سوتقا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلغان. سوتلانغۇچىلار ئىچىدە ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن بىر ئۇيغۇر ئايالغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان، قالغان 10 ئۇيغۇرغا 4 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. نۇرى ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ياش ئۇيغۇر ئايال ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل يېزىسىنىڭ سايېرىق كەنتىدىكى ئىمىن ھاشىم ئىسىملىك كىشىنىڭ ئايالى ئىكەن. ئىمىن ھاشىم «دۆلەتنى پارچىلاش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللاندى» دېگەن گۇمان بىلەن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن 1998-يىلى ئۆز كەنتىدە تۇتقۇن قىلىنىدىغان چاغدا قارشىلىق كۆرسەتكەچكە نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى شۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن يولدىشى ئىمىن ھاشىمنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش قىلمىشلىرىغا ياردەملەشكەن» دېگەن جىنايەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. نۇرى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئايال تۇتۇلغاندا ئېغىر ئاياق بولۇپ، تۈرمە دوختۇرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئوپېراتسىيە قىلىنىپ 6 ئايلىق بولغان ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن. ئوپېراتسىيە ھاپىلا-شاپىلا قىلىنغاچقا، دوختۇرنىڭ قايچىسى ئۇ ئايالنىڭ قورسىقىدا ئۇنتۇلۇپ قالغان. بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئوپېراتسىيە قايچىسى ئېلىۋېتىلگەن ئىكەن.

نۇرى ئەپەندى يەنە ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەت» بىلەن سوتلانغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پۇتلىرىغا چويۇن توپ ئېسىلغان ئېغىر ئىشكەلنى سۆرەپ مەردانىلىك بىلەن سوت مەيدانىغا كىرگەنلىكىنى، قوراللىق ئەسكەرلەر ئۇلارنىڭ باشلىرىنى تۆۋەنگە بېسىپ تۇرسىمۇ، قەددىنى تىك تۇتۇشقا تىرىشقانلىقىنى شۇنداقلا شەكىل ئۈچۈنلا ئېچىلغان بۇ سوتقا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، باش سوتچى ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى سورىغاندا، تۇنىياز ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىت قەيسەرلىك بىلەن: «بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن چىقارغان ھۆكۈمىڭلار ھەققىدە بۇ يەردە گەپ قىلغاننىڭ قىلچە پايدىسى يوق. ئەگەر پىكرىمىزنى بىلمەكچى بولساڭلار، پەقەتلا خەلقئارادىن تەكلىپ قىلغان ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتقا دەيمىز!» دېگەن.

نۇرى ئەپەندى بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇن قاتناشقان بۇ يېپىق سوتنى ئەسلەپ، سوت جەريانىنىڭ پەقەتلا بىر شەكىل ئىكەنلىكىنى، سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاقلايدىغان ھېچقانداق پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، ھۆكۈم سوتتىن ئىلگىرى مەخپىي ھالدا بېكىتىلىپ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت