ئۇيغۇر دېھقانلىرى داۋاملىق ھاشارغا مەجبۇرلانماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشار ئەمگىكىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان 2005 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر بولغان ۋاقىتتا رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى شۇنىڭدەك، رادىئومىزغا بۇ ھەقتە كەلگەن ئىنكاسلاردىن شۇنداقلا يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى يېزىلىرىغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، دۇنيانىڭ باشقا ھېچقانداق جايىدا بولمىغان ھاشارنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بولۇپمۇ نامرات ھەم چەت يېزىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئاشكارلانماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغاندىن بۇيان يەنى نەچچە ئون يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان" ھاشار" دەپ ئاتالغان بۇ بىكارغا ئىشلىتىش، ئۇيغۇر دېھهقانلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ، ئۇلارنىڭ يەنىمۇ نامراتلىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولماقتا. شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئەڭ نامۇۋاپىق سىياسەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە ئەمگەك قانۇنىغىمۇ ئېغىر خىلاپ ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا ئاقسۇ قۇمباش يېزىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نۆۋەتتە مەجبۇرى ھالدا كۆچەت ھۆكۈمەتنىڭ كۆكەرتىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى،بۈگۈن بۇ دېھقاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلارنىڭ يەنىلا تۈرلۈك شەكىلدىكى مەجبۇرى ھەقسىز ئەمگەكلەرگە يەنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھاشار ئەمگەكلىرىگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.