مۇسۇلمانلاردا دەپنە مۇراسىملىرى ئەڭ ئاددىي، ئىخچام بولىدۇ، نەزىر - چىراق ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىدا ئومۇملاشقان بىر خىل ئادەت. ھەر ئىككىسىدە خىراجەتنى ئاز قىلىپ، ھەشەمەتچىلىكتىن يىراق ھالدا، يېنىك ئىش ئېلىپ بېرىش ياخشى بولغىنىدەك، ئوتتۇراھال بولماستىن، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بىر خىل ئىسراپخورلۇقتۇر.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇراھمان ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇراھمان ھاجىم ئۇيغۇرلاردىكى دەپنە مۇراسىملىرى ۋە نەزىر - چىراغلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " بەزى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىنى ئۆگەنمەي، ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشەنمەيلا ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغلارنى نادانلارچە چوڭ ئىبادەت ساناپ، ئۆزلىرىنى قالتىس تەقۋا، ساداقەتمەن ۋە سېخىي ھېسابلاپ، نەزىر - چىراغلارنى ھەشەمەتچىلىك، چوڭچىلىق قىلىپ چوڭ ئۆتكۈزۈپ ئىسراپچىلىق قىلىدۇ. بەزىلىرى ھالىغا بېقىپ ئىش قىلماي، باشقىلاردىن مەن قالامتىم دەپ بار دەسمايىنى تىكىپ، ھەتتا قەرز ئېلىپ ھەشەمەتلىك نەزىر ئۆتكۈزۈپ، نەزىردىن كېيىن پۇشايماندىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. ھالبۇكى، نەزىرنى دەپ تاشلىنىپ قېلىۋاتقان ئوقەت، خىزمەت، ئىش - ئەمگەك، بىھۇدە ئۆتۈۋاتقان ۋاقىت، نەزىردە چېچىلىپ، تۆكۈلۈپ، يېيىلمىگەن تائاملارغا قارىغان كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلماي تۇرالمايدۇ."
قازاق قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرى ماختاشقا ئەرزىيدۇ
ئابدۇراھمان ھاجىم قازاق قېرىنداشلارنىڭ مېيىتنى دەپنە قىلىش، نەزىر - چىراق مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " بىزگە تەقدىرداش، قانداش، دىنداش ۋە يۇرتداش بولغان قازاق خەلقىنىڭ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك خېلى ياخشى تەرەپلىرى بار. مەسىلەن: قازاق قېرىنداشلار مېيىتنى دەپنە قىلىش، نەزىر - چىراق مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈشنى بەكمۇ ياخشى قېلىپلاشتۇرۇۋالغان. ئۇلار ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراقنى ئىخچام، ئاددىي - ساددا، تېجەشلىك ئۆتكۈزىدۇ. قازاق خەلقىنىڭ ئائىلىسىدە بىرى قازا قىلسا دەرھال يىراق - يېقىندىكى ئۇرۇق - تۇغقان، خۇلۇم - قوشنىلاردىن خەۋەر تاپقانلىرى دەرھال كېلىپ، چىرايلىق سۆزلىرى ۋە تاتلىق دۇئالىرى بىلەن مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە تەسەللى بېرىدۇ. ئۇلاردا ئەرلەر يىغلىمايدۇ، ھېچكىم ئاقلىق باغلىمايدۇ، ھازا كىيىمى كىيمەيدۇ، جىنازا نامىزىدىن ئىلگىرى سەدىقات ياكى فىدىيە تارقاتمايدۇ، قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇمايدۇ، قەبرىستاندا بىر نەرسە تارقاتمايدۇ. پەتىلەپ كىرگەنلەر قۇرئان ئوقۇمايدۇ، ياخشى دۇئالىرىنى بېرىپ ئۆلگۈچىنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەتلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ جەننىتىنى تىلەپ چىقىپ كېتىدۇ. قازاق خەلقى مۇسىبەت چىققان ئۆينى چىقىمغا ئۇچراتمايدۇ. بۇ ئۆينىڭ مۇسىبەت جەريانىدىكى چىقىملىرىنى مەھەللە جامائىتى بىرلىكتە كۆتۈرىدۇ ."
مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسى بۇيىچە، ئۆلۈك چىققان ئائىلىگە بۇيرۇلغان بەلگىلىمە ئۈچ بولۇپ، بىرىنچىسى، ئۆلگۈچىگە كۆپ دۇئا قىلىش، ئىككىنچىسى، ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇش ، ئۈچىنچىسى، ئۆلگۈچىنىڭ قەرزى بولسا ئادا قىلىشتۇر. ئەمما ئۆلگەن كىشى ئۈچۈن نەزىر - چىراق ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنمىگەن.
