ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەسىلىسى سورالدى

يېقىندىن بېرى دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى يەنە قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئاۋستىرالىيىگە ئىلتىماس قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-06-03
Share
Obama-guantanamo-305 ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺭﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻼ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮔﯘﺋﺎﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮﻧﻰ ﺗﺎﻗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
AFP Photo

لېكىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى كۈنى لاگىرنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزى بولسا بۇ جەھەتتىكى تالاش - تارتىشنى جانلاندۇردى.

ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى سوت قارارىنى ئىجىرا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزىنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ.

ئالىي سوتنىڭ قارارى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ياكى ئۇلارنىڭ گۈەنتانامو تاقالغانغا قەدەر بۇ يەردە ئۈزلۈكسىز يېتىشىغا مۇناسىۋەتلىك زور قارار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا كرىشتايىن & ياڭ قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەلنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئەگەر ئالىي سوت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى قارار قىلسا ئۇلارنىڭ سوتتا غەلىبە قىلىشىغا ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. ئۇ بۇ جەرياننىڭ يەنە ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇزۇن مەزگىللىك تۈرمە ھاياتى، سوت جەريانىدىكى چىگىشلىك، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىدىكى دىلىغۇللۇقى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ قويۇپ بېرىشكە قارشى چىقىشى، ئۇلارغا 3 ‏- بىر دۆلەتنىڭ چىقماسلىقى قاتارلىقلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى "گۇناھسىز"، دەپ ئاقلىغان لاگىردىكى ئۇيغۇرلاردا ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن. ئۇلاردىكى ئۈمىدسىزلىك لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى كۈنى لاگىرنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.

لاگىردىكى ئۇيغۇرلار شۇ كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئوباما ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە " ئەركىنلىك"، "ئادالەت" تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ " بىز بۇرۇن خىتايدا ئېزىلگەن، بىز ھازىر ئامېرىكىدا 2 ‏- قېتىم ئېزىلىۋاتىمىز" دېگەنلىكىنى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ "كوممۇنىست ياكى دېموكرات"ئىكەنلىكىنى سورىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يەنە"بىز سوتنىڭ قارارىغا ئاساسەن گۇناھسىز، دەپ ئېلان قىلىنغان بولساقمۇ،لېكىن بىز يەنە تۈرمىدە يېتىۋاتىمىز" دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ باياناتى ئىدى. يىغىندا مۇخبىرلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى سورىغان، لېكىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇد ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ باياناتىغا باھا بېرىشنى رەت قىلغان.

ۋۇد مۇنداق دېگەن " :ئىلگىرى دېيىلگەنلەرنىڭ سىرتىدا مەن ئۇ بايانلارغا كونكرېت بىر نەرسە دىمەيمەن. پرېزىدېنت بىزنىڭ گۈەنتانامونى تاقايدىغانلىقىمىزنى قارار قىلدى. بىز نۆۋەتتە ھەر بىر تۇتقۇننىڭ دىلىوسىنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتىمىز شۇنداقلا تۇتقۇنلارنى يوللايدىغان جاي ئىزدەۋاتىمىز. سىلەر بىلگەندەك دەن فرايد بۇ مەسىلىگە مەسئۇل بولۇپ، بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. لېكىن مەن بۇ كونكرېت مەسىلە ئۈستىدە بىر نەرسە دىمەيمەن".

ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئوباما ھەققىدىكى سۆزىنى، يەنى ئوباما "كوممۇنىستمۇ ياكى دېموكراتمۇ " دېگەن سۆزىنى "ئەخمىقانە باھا"دەپ ئەيىبلىگەن روبېرت ۋۇد "مەن پەقەت سۆزۈمنى ئۇلارنىڭ پرېزىدېنتنى كوممۇنىست، دەپ تەرىپلىگەنلىكىگە قاراتماقچى. بىز ھەر بىر دىلونى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بىز بۇ خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن. بۇنىڭ سىرتىدا دەيدىغان باشقا سۆزۈم يوق" دەپ تەكىتلىگەن.
     
ئامېرىكا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى "بىگۇناھ" كىشىلەر دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى يەنىلا گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇش يولىنى تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ پىكىرى بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇشى "ئاساسسىز"، ئۇلار دەرھال قويۇپ بېرىلىشكە تېگىشلىك كىشىلەردۇر.

ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى سۇزان بېيكىر مەننىڭ يېقىندا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كولۇبىدىكى بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ قارىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. بىزنىڭ بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىزدە قانۇنلارغا ئاساسەن ئىش قىلىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. بۇ كىشىلەر تېز ئارىدا قويۇپ بېرىلىپ، ئۇلار بىخەتەر ياشىيالايدىغان، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەيدىغان، تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بىرەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى لازىم. لېكىن بۇ تالاش ‏- تارتىشتىكى مەسىلە ئەمەس، نىگىزلىك مەسىلە. بۇ يەردىكى نىگىزلىك مەسىلە ئۇلار گۈەنتانامودىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. چۈنكى بىز ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنغا زىت ھالدا ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرالمايمىز. خىلاپ ھالدا داۋاملىق تۇرۇپ تۇرساق بولمايدۇ."
      
نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئالىي سوتنىڭ قانداق قارار چىقىرىشىدا پرېزىدېنت ئوباما ئالىي سوت مەھكىمىسىدىكى 9 نەپەر سوتچىنىڭ بىرىگە نامزات قىلىپ تاللىۋالغان سونىيە سوتومايېرنىڭ رولى زور بولىدىغانلىقىنى، لېكىن سوتومايېرنىڭ ۋاقتى كەلسە قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىغا ھازىر بىر نېمە دىمەكنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈكەل يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە خەلقئارا نوپۇزى ۋە تەسىر كۈچىنى يىتەرلىك قوللانمىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئامېرىكا نوپۇزىنى قوللانسا ئۇيغۇرلارغا يېڭى بىر ماكان تېپىشنىڭ قىيىنغا چۈشمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت