ئۇيغۇرلار پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش نامايىشىغا قاتناشتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى پەلەستىننىڭ غەززە شەھىرىنى بومبىلاشقا باشلىغان كۈندىن تارتىپ، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىسرائىلىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پەلەستىننى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-01-18
Share
Uyg-pelestin-namayish1-305 ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻳﻪﻧﻰ 1 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻬﻬﯩﻴﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ "ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻨﻠﯩﻚ " ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺷﯚﺑﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﺎ.
RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركلەر ئىسرائىلىيىنى بۇ ئۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرماقتا. بۈگۈن يەنى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى سىھھىيە مەيدانىدا "ھەممىمىز پەلەستىنلىك " تېمىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىشقا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات ۋە خەلقتىن بولۇپ 20 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن مەزلۇمدەر، ھاقىش ۋە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىمۇ قاتناشتى.

بۇ نامايىشچىلار قولىدا پەلەستىن بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا " ھەممىمىز پەلەستىنلىك، پەلەستىنلىكنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

بىز بۇ نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت