ئۇيغۇرلار پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش نامايىشىغا قاتناشتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى پەلەستىننىڭ غەززە شەھىرىنى بومبىلاشقا باشلىغان كۈندىن تارتىپ، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىسرائىلىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پەلەستىننى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

0:00 / 0:00

تۈركلەر ئىسرائىلىيىنى بۇ ئۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرماقتا. بۈگۈن يەنى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى سىھھىيە مەيدانىدا "ھەممىمىز پەلەستىنلىك " تېمىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىشقا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات ۋە خەلقتىن بولۇپ 20 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن مەزلۇمدەر، ھاقىش ۋە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىمۇ قاتناشتى.

بۇ نامايىشچىلار قولىدا پەلەستىن بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا " ھەممىمىز پەلەستىنلىك، پەلەستىنلىكنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

بىز بۇ نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.